ئەسسالام تورداش، بۈگۈن (سائەت) قۇياش ئوغلى بلوگى قۇرۇلغىلى

 باش بەت  تور بېلىملىرى يۇمشاق دىتاللار   جاھاندىكى ئىشلار   ناخشا-مۇزىكىلار تاللانما ئەسەرلەر 


  • مەۋھۇم كۈچ يەنە « يۇمشاق كۈچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قاتتىق دېتال» دەپ ئاتىلىدىغان ئوبيېكتىپ كۈچنىڭ رولى ئادەتتە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. لېكىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يەنىلا مەۋھۇم كۈچتۇ. بۇ خىل كۈچ ئادەم ئىشەنچ بېغشلايدۇ.

    قېنى، تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈڭنىڭ زادى قانداق مەۋھۇم كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىڭگە ھۆكۈم قلىپ باق:

    بىرىنچى، ھەرىكەتچانلىق:

    ھەرىكەت بولمىسا نەتىجىمۇ بولمايدۇ.ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇلمىغان پىلان ۋە پۇرسەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. ھەرىكەتچان ئادەم ئۆزىنى ھەرىكەتكە ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ئېتىپ تۇرىدۇ؛ ھەتتا يوچۇن ۋە قىيىن مەسىللەر ئالدىدىمۇ تۈگۈلىۋالمايدۇ. ............


  •  بەدەننى كۈچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1-گۆش يىيىش.

    2-خۇشبۇي پۇراش.

    3-جىماسىزمۇ كوپ يۇيۇنۇش.

    4-زىغىر كىيىمى كىيىش.

    بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە

    ..........


  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىزلەر، تۆۋەندە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم بولغان شۇنداقلا  كىشىلىك تۇرمۇشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان ئۈچ گۆھەرنى دوستلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىغا سۇنماقچىمەن.

    سۆزلۈشۈشتىكى ئۈچ گۆھەر:ئاۋارە قىلدىم،رەھمەت،كەچۈرۈڭ.

    جاھاندارچىلىقتىكى ئۈچ گۆھەر:كەمتەرلىك،ئەدەپ -ئەخلاق،ياخشى تەرتىپ.

    تەربىيەدىكى ئۈچ گۆھەر:سەۋىرچان،مىھرىبان،سالماق بولۇش.

    ئائىلىدىكى ئۈچ گۆھەر:خوشاللىق،قىزىقىش،ۋە كۈيۈمچانلىق.

    ئۆي تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:ئىجىل-ئىناقلىق،خوشال -خوراملىق،تىنىچلىق.

    غىزالىنىشتىكى ئۈچ گۆھەر:تەڭپۇڭلۇق،چەك قۇيۇش،شۈكۈر قىلىش.

    ساغلاملىقتىكى ئۈچ گۆھەر:پىيادە مىڭىش،نەپسىنى يىغىش،كەيپىياتنى تەڭشەش.

    ئاتا-ئانىلاردىكى ئۈچ گۆھەر:تەربىيەلەش،مەسئۇلىيەت،شەرەپكە ئىگە قىلىش. 

    بىلىم ئىگىلەشتىكى ئۈچ گۆھەر:جانلىق،ئەتراپلىق،ھەقىقى بولۇش.

    دوست تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:سەمىمىي،دۇرۇس بۇلشۇش،ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش. 

    قەلىب گۈزەللىكىدىكى ئۈچ گۆھەر؛راستچىل،ئاق كۈڭۈل،كەڭ قۇرساق بولۇش.


  • 1. پەقەت تۇرمۇشىڭىزدا قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.

    2. موھتاجلىق ۋە ئېغىر كۈنلەر ئادەمنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ.

    3. ئادەمنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقنى تونۇپ يەتمىگۈچە، ھەقىقىي ئۆزىگە ئايلىنالمايدۇ.

    4. سىزگە ياردىمى تېگىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قول سوزۇپ ئېلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ.

    5. سىزنىڭ بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەن پەيت ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭىز ئەمەس. .....


  • ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەن بىز بىنانىڭ 80-قەۋىتىدە تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇلار ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ ، بىنادا توك توختىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇلار ئامالسىز پەلەمپەي بىلەن ئۆيىگە چىقىشقا مەجبۇر بوپتۇ. 20- قەۋەتكە چىققاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سومكىلىرىنى ۋاقتىنچە 20 - قەۋەتكە قۇيۇپ قۇيۇپ، توك كەلگەندە لىفىت بىلەن ئەپچىقىپ كېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزلىرى داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەپتۇ. ئەمما بۇمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ. 40- قەۋەتكە چىققاندا ھېرىپ بولالماي قاپتۇ. ئۇلار ئەمدىلا بىنانىڭ يېرىمىغا چىققانلىقىنى بىلىپ، ئۆزئارا ئاغرىنىپ، بىر - بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلاپتۇ. ئۇلار شۇ تەرىقىدە 60-قەۋەتكە چىقىپتۇ بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە گەپ قىلغۇدەك مادارى قالماپتۇ. ئۇلار ئاخىرىمىڭ بىر جاپادا 80- قەۋەتكە چىقىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بولسا ئاچقۇچنىڭ 20- قەۋەتكە قۇيۇپ قويغان سومكىنىڭ ئىچىدە قالغانلىقىنى بايقاپتۇ ......


  • يۇلغۇن تايىقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيىسى

    بۇ 14 ياشقا كىرگەن چېغىمدا يۈز بەرگەن ھەقىقى بىر ۋەقە، شۇ چاغدا مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيتۇم، شۇنداق بەخىتلىك ئىدىم،قەلبىمدە ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھاببەت جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى، بىر كۈنى قىزىقىشتىنمۇ ياكى ياخشى كۈرۈشتىنمۇ ئەيتاۋۇر ،مەھەللىمىزدىكى ئوماق بىر قىزنى دەريا بۇيىغا بېرىپ ئويناپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدىم،ئۇ قىز باشتا قەتئىي ئۇنىمىدى،كىيىن مىنىڭ گىپىمنى يەردە قويغۇسى كەلمىدىمۇ،بېرىشقا قۇشۇلدى،بىز دەريا بۇيىغا كەلدۇق، مەندە ئۇ قىزغا نىسپەتەن ھىچقانداق يامان نىيەت يوق ئىدى،ئىككىمىز شۇنداق كۈڭۈللۈك ئوينۇدۇق،.....



  • 1     H        Hydrogen     ھىدروگېن

    2     He      Helium  گېلىي

    3     Li        Lithium لىتىي

    4     Be       Beryllium     بېرىللىي

    5     B         Boron    بور

    6     C         Carbon  كاربون

    7     N        Nitrogen      ئازوت


  • 1. «1- ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىدا رەھبەرلىكنىڭ سۆزلىگەن سۆزى

    سۈيۈملۈك ئۆسمۈر دوستلار، ئائىلە باشلىقلىرى يولداشلار:

    بۈگۈن «1- ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى كۈنى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا بالىلىرىنىڭ بايرىمى. 1949- يىلى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى «1- ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى جۇڭگۇ بالىلىرىنىڭ بايرىمى قىلىپ بەلگۈلىگەندىن كىيىن، ھەر يىلى «1- ئىيۇن» دا مۇشۇنداق تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىكى مەقسەت بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش، كىچىكىدىن تارتىپ ئۇلاردا ۋەتەننى سۈيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. بۇ بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كىشىلىك تۇرمۇش يۇلىنى تاللىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.


  • 1. ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ. 
    2. ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر. 
    3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ ، شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
     4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
    5. ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،.....

خەير - خوش، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ ! تور بەت ئادىرىسىمىزنى دوستلىرىڭىزغا تەۋىسسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ ! ئېھتىرام بىلەن: قۇياش ئوغلى