باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2011-10-10
ھاياتىڭىزدىكى ئۈچ چوڭ گۆھەر - [تاللانما ئەسەرلەر]
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىزلەر، تۆۋەندە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم بولغان شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان ئۈچ گۆھەرنى دوستلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىغا سۇنماقچىمەن.
سۆزلۈشۈشتىكى ئۈچ گۆھەر:ئاۋارە قىلدىم،رەھمەت،كەچۈرۈڭ.
جاھاندارچىلىقتىكى ئۈچ گۆھەر:كەمتەرلىك،ئەدەپ -ئەخلاق،ياخشى تەرتىپ.
تەربىيەدىكى ئۈچ گۆھەر:سەۋىرچان،مىھرىبان،سالماق بولۇش.
ئائىلىدىكى ئۈچ گۆھەر:خوشاللىق،قىزىقىش،ۋە كۈيۈمچانلىق.
ئۆي تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:ئىجىل-ئىناقلىق،خوشال -خوراملىق،تىنىچلىق.
غىزالىنىشتىكى ئۈچ گۆھەر:تەڭپۇڭلۇق،چەك قۇيۇش،شۈكۈر قىلىش.
ساغلاملىقتىكى ئۈچ گۆھەر:پىيادە مىڭىش،نەپسىنى يىغىش،كەيپىياتنى تەڭشەش.
ئاتا-ئانىلاردىكى ئۈچ گۆھەر:تەربىيەلەش،مەسئۇلىيەت،شەرەپكە ئىگە قىلىش.
بىلىم ئىگىلەشتىكى ئۈچ گۆھەر:جانلىق،ئەتراپلىق،ھەقىقى بولۇش.
دوست تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:سەمىمىي،دۇرۇس بۇلشۇش،ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش.
قەلىب گۈزەللىكىدىكى ئۈچ گۆھەر؛راستچىل،ئاق كۈڭۈل،كەڭ قۇرساق بولۇش.
مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى ئەسلى مەنبە؛رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى.