باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2012-07-10
تۆۋەندىكى ۋاقىتلىرىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئاجرىتىڭ - [ئائىلە ۋە نىكاھ]
كەچلىك غىزادىن ئىلگىرىكى يېرىم سائەت. نۇرغۇن ئەر بۇ ۋاقىتتا تېلېۋىزور كۆرگەچ، تاماقنىڭ تەييار بولۇشىنى ساقلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاقىت ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ياخشى پۇرسەت، شۇڭا ئايالىڭىزنىڭ تاماق ئېتىشىگە ياردەملىشىپ بېرىڭ.
ھەپتە ئاخىرىدىكى بىر كۈن. ئەرلەر ئالدىراش دېگەننى باھانە قىلىپ، شەنبە، يەكشەنبە ئايالىغا ھەمراھ بولۇشتىن قاچىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. ھېچبولمىغاندا بىر كۈن بولسىمۇ ھەمراھ بولۇپ بازارغا چىقىڭ، ئايلىنىڭ ياكى بىللە قېيىنئانىڭىزنىڭكىگە بېرىپ كېلىڭ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئون مىنۇت. بۇ ۋاقىت پىكىرلىشىدىغان ياخشى پۇرسەت. بۇ پۇرسەتتە بىر كۈنلۈك ئىشلارنى سۆزلىشىپ، ئەتىكى ئىشلارنى پىلانلاش ئارقىلىق ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى