ئەسسالام تورداش، بۈگۈن (سائەت) قۇياش ئوغلى بلوگى قۇرۇلغىلى

 باش بەت  تور بېلىملىرى يۇمشاق دىتاللار   جاھاندىكى ئىشلار   ناخشا-مۇزىكىلار تاللانما ئەسەرلەر 

  • 2012-02-04

    ماۋۇ 4 نى بىلىۋېلىڭ - [تاللانما ئەسەرلەر]

     بەدەننى كۈچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1-گۆش يىيىش.

    2-خۇشبۇي پۇراش.

    3-جىماسىزمۇ كوپ يۇيۇنۇش.

    4-زىغىر كىيىمى كىيىش.

    بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1-قورساقنى بەك توقلىۋېلىپ جىما قىلىش.

    2-قورساقنى بەك توقلىۋېلىپ مۇنچىغا كىرىش.

    3-قۇرۇتۇلغان قاق گۆش يىيىش.

    4-قېرى ئاياللارنى جىما قىلىش.

    كۆزنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1-كەئىبىگە قاراپ ئولتۇرۇش

    2-ئۇخلايدىغاندا سۇرمە سۇرۇش.

    3-يېشىل نەرسىلەرگە قاراش.

     

    4-ئولتۇرىدىغان ئۇرۇننى پاكىزلاش

    كۆزنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1-قىينالغان كىشىلەرگە قاراش.

    2-ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش.

    3-قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇش.

    4-نىجاسەتكە قاراش

    باھنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1-قۇچقاچ يىيىش

    2-چوڭ ئىتىرىپىل يىيىش.

    3-پىستە يىيىش.

    4-گۇرۇچ يىيىش

    ئەقىلنى زىيادە قىلىدىغان تۆت نەرسە

    1-ئاز گەپ قىلىش.

    2-مىسۋاك قىلىش.

    3-ياخشىلار سۆھبىتى

    4-ئالىملار سۆھبىتى

    بەدەننى كېسەل قىلىدىغان تۆت نەرسە

    1-كوپ گەپ قىلىش.

    2- كوپ ئۇخلاش.

    3-كوپ يىيىش.

    4-كوپ جىما

    خوشاللىق ئېلىپ كىلىدىغان تۆت نەرسە

    1-يېشىللىققا قاراش.

    2- ئاققان سۇغا قاراش.

    3-مەھبۇبىگە قاراش

    4-مىۋە -چىۋىگە قاراش

    كۆزنى قاراڭغۇلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1-يالاڭ ئاياق مېڭىش.

    2-كۇندۇزى كەچ بولغۇچە دۇشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك چىراي بىلەن يۇرۇش.

    3-كوپ يىغلاش.

    4- كىچىك خەتلەرگە ئۇزاق قاراش

    بەدەننى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1- يۇمشاق كىيىم .

     

    2-نورمال مۇنچىغا كىرىش.

    3- تاتلىق ۋە مايلىق تائام يىيىش

    4-خۇش -پۇراقنى پۇراش

    يۇزىنى قۇرۇتۇپ ، چىراينىڭ نۇرىنى كەتكۇزىدىغان تۆت نەرسە

    1- يالغانچىلىق .

    2-ئۇياتسىزلىق.

    3- بىلمەي تۇرۇپ كوپ سوراش.

    4- گۇناھنى كوپ قىلىش

    چىرايىغا قان يۇگۇرتۇپ . نۇر ياغدۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1- ئالىجاناپلىق .

    2- ۋاپا.

    3-سېخىلىق .

    4- تەقۋالىق

    كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىگىنى قوزغايدىغان تۆت نەرسە

    1- تەكەببۇرلۇق .

    2- ھەسەتخورلۇق

    3-يالغانچىلىق .

    4-چېقىمچىلىق

    رىسقىنى زىيادە قىلىدىغان تۆت نەرسە

    1- كېچە قوپۇش

     

    2- سەھەردە ئىستىغپارنى كوپ ئوقۇش.

    3- ۋەدىگە ۋاپا قىلىش.

    4- ئەتتىگەن -كەچتە ئاللاھنى زىكرى قىلىش

    رىزقىنى توسۇيدىغان تۆت نەرسە

    1- سەھەرنىڭ ئۇيقۇسى .

    2- نامازنىڭ ئازلىقى .

    3- ھورۇنلۇق .

    4- خىيانات

    زېھنىگە زىيانلىق تۆت نەرسە

    1- ئاچچىق نەرسىلەرنى يىيىش.

    2- مىۋىلەرنى كوپ يىيىش.

    3- ئوڭدىسىغا ئۇخلاش .

    4- غەم -ئەندىشە

    زىھنىنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە

    1- كوڭۇل خاتىرجەملىگى.

    2- يىمەك -ئىچمەكنى ئازلىتىش.

    3- مايلىق ۋە تاتلىق يىيىشكە ئەخمىيەت بېرىش.

    4- بەدەنگە ئېغىر كىلىدىغان ئارتۇق نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش.

     مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.