(1) ئېرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە ئەپۇ قىلىشنى بىلمەسلىكى. ئاياللار ئەرلەرنىڭ مېھرىبانلىقىغا بەكمۇ موھتاج، ئېرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ.
(2) كەسىپتە كۆرىنەرلىك نەتىجە قازىنالماسلىق.
(3) پىخسىقلىق. بەزى ئەرلەر پۇلنى بەك مۇھىم بىلىپ، ئۆيىدىكىلەرگە خەجلەشكە كۆزى قىيمايدۇ.
(4) بېشىغا ئىش كەلگەندە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالماي، ئاغرىنىشنى ياخشى كۆرۈش.
(5) بەزى ئىشلاردا ئاشكارا، سەمىمىي سۆزلەشنى خالىماسلىق.
(6) پەرزەنتلىرىگە، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك.
(7) ئۆزىنى ئائىلىدىن ئۈستۈن كۆرۈش. بۇنداق ئەرلەر ئۆز ئىشىنى دوستلىرىنى ھەممىدىن مۇھىم، دەپ قاراپ، ئائىلە ئەزالىرىنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدۇ.
(8) تەربىيە كۆرمىگەن، مىجەزى چۇس، سەۋر-تاقەتسىز بولۇش.
(9) باشقىلارنى تەنقىدلەشنى ياخشى كۆرۈش، سېخىي، مەردانىلىك كەم بولۇش، ئۇششاق سۆز بولۇش.
مەنبە:http://nur.cn