版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/228503909.html

    بىز مىللەت


    ئابدۇللا ئەۋلانى


    نە خارلىق، نە كەسالەت؟ - دائىما ئەفگار بىز مىللەت.
    ھەمە گۈلدەستە قىلسا، نى تېرارمىز؟ - خار، بىز مىللەت.

    جاھالەت قەزىيەسى دۆندۈردى ئىستىقبالى رىفەتتىن،
    مەئاز-ئىللاكى، نە ئىقرار، نە ئىنكار - بىز مىللەت.

    تۇتۇپ سىلابى غەپلەت مەۋجى غەمگە تاشلىدى، ھەيھات،
    جاھان جەيھۇنلەرىگە تومەيى تەييار - بىز مىللەت.

    تەمەددۇن فېشەلىكتىن ئۆزگەلەر روھى مۇجەسسەمدۇر.
    ھاياتتا قابىل ئېرمەس، سۈرەتى دىۋار - بىز مىللەت.

    ھەمە ئىلمۇ-ھۈنەر ئەسبابىنى ئالماقنى ئىستەرسە،
    چاپان، چالما، رىيا ساتماققا خوپ تۇججار - بىز مىللەت.

    تەپەككۇر سايەسىدە ئۆزگەلەر شەھدۇ-شەكەر ئېرسە،
    تۇرۇرمىز  بەقرەيىپ ھەر گۆشەدە بىكار - بىز مىللەت.

    مەيۇ-مىناسىنى تەرك ئەيلەسە ئەغيار، بىزلەر ئاھ!
    ئىچىپ جامى جاھالەتتىن ھەمىشە زار - بىز مىللەت.

    ھەمە كەسبۇ كامالەت ئەتسە ھاسىل ئىلىم-پەن بىرلە،
    شىفىرغۇچى، ياماقچى، خەيرىچى - كۆپ خار - بىز مىللەت.

    تەقەززايى زامان، ھەر جىنس كەيسە جىسمىغا لايىق،
    قىلىپ قاپ-خالتىدىن كۆينەك، چاپان، بىئار - بىز مىللەت.

    ئۆزىن بىلمەس، سېنى دۈشمەن، سېنى جاھىل بىلۇر ھىجران،
    ھاياتۇ-روھ كىرەكمەس - جىسمىدىن بىزار بىز مىللەت.
    ★★★★★



    ئابدۇللا ئەۋلانىي ھەققىدە

    يېڭى دەۋر ئۆزبەك مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، بالىلار ئەدەبىياتى، ئۆزبەك مىللىي تىياتىرى، دىراماتۇرگىيەسى. مەتبۇئاتچىسى، ئۆزبەك مىللىي بىداگوگىكىسىنىڭ ئۇلتېشىنى قويغان ئابدۇللا ئەۋلانىيدۇر.
    مەشھۇر ئۆزبەك مەرىپەتپەۋەرى، شائىرى ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇللا ئەۋلانىي 1878-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى تاشكەنتتە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كونا مەكتەپتە ساۋات چىقىرىپ، مەدرىسەدە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئائىلىدىكى ماددىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن مەدىكار بولۇپ ئىشلىگەن، خىش قۇيۇش، سۇۋاقچىلىق، پىچكاچىلىق، دۇرەدگارلىق، بىناكارلىق كەبى كەسبلەر بىلەن شۇغۇللانغان ۋە «ئىمارەتچى ئۇستا» دىگەن نام ئالغان.
    ئابدۇللا ئەۋلانىينىڭ شېئىرلىرى 15 يېشىدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. جەدىدچىلىك ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئەۋلانىي 1904-يىلى تاشكەنتنىڭ مىرئاباد مەھەللىسىدە جەدىد مەكتىپىنى، 1909-يىلى «جەمىيەتى خەيرىيە» ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان. 1907-يىلى ئۆز ئۆيىدە «شۆھرەت» ناملىق گېزىت نەشر قىلغان. 1905-1917-يىللاردا مەتبۇئاتتىكى قىزغىن پائالىيىتى ۋە نۇرغۇن پوبلىستىك ماقالىلىرى بىلەن «بىر ياقتىن مىللىي ئىسلاھات ئۈچۈن مەپكۇرە ھازىرلىغان، ئىككىنچى ياقتىن ئەل ئارىسىغا ئۆزگىرىش ئۇرۇقىنى چاچقان». «فېۋرال ۋە ئۆكتەبىر ۋەقەلىرى»دىن كېيىن، ئابدۇللا ئەۋلانىي «تۇران» ناملىق گېزىت نەشر قىلىپ، ئىلغار قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
    ئابدۇللا ئەۋلانىي 1934-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان.
    ★★★★★
    (ئۆزبەكچە مەنبەدىن تەييارلىغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    ★★★★★

    分享到:

    历史上的今天:

    رىزۋانگۈللەر 2013年02月08日
    引用地址: