版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/228503981.html

    رىزۋانگۈللەر


    ساداقەتجان ھاجى


    قارا بۇلۇت قۇترىغان تۈندە،
    چاقماق بولۇپ چاقتىڭ رىزۋانگۈل.
    ھۆرلۈك ئۈچۈن قان دەرياسىدا،
    شەپقەت بولۇپ ئاقتىڭ رىزۋانگۈل.

    جەننەت ئىزدەپ كىردىڭ جەڭگاھقا،
    ئوق ئالدىدا ئۆڭمىدىڭ ھەرگىز.
    ئۆلدى ساڭا ئېتىلغان ئوقلار،
    سەن ياشىدىڭ، ئۆلمىدىڭ ھەرگىز!

    سەن ياشىدىڭ، روھىڭنى ھىچكىم
    روھىمىزدىن كۆچۈرەلمىدى.
    يالقۇنۇڭنى رەھىمسىز يىللار،
    قەلبىمىزدىن ئۆچۈرەلمىدى.

    تۈندە ئاي سەن، كۈندۈزدە قۇياش،
    قىزىلگۈل سەن باغدا رىزۋانگۈل.
    چۆلدە چوغ سەن، ياكى مەڭگۈتاش،
    ھەم شۇڭقارسەن تاغدا رىزۋانگۈل.

    ھەممە يەردە بارسەن ھەرزامان.
    ئەڭ سۆيۈملۈك يارسەن ھەرزامان.
    پىداكارلىق خىسلىتىڭ بىلەن،
    بىزگە مەدەتكارسەن ھەرزامان.

    ماختىنىمىز سەن بىلەن ھەردەم،
    روھىمىزمۇ سەن بىلەن بەردەم.
    ئىشقىمىزنى بىدار ئەيلىگەن،
    قەلبىمىزدە سۆيگۈسەن ئەركەم!
    ★★★★★
    2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى. قەشقەر
    ★★★★★

    分享到:

    历史上的今天:

    بىز مىللەت 2013年02月08日
    引用地址: