ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى زۇڭتۇڭلىرى - [دۇنياغا نەزەر]
_べ Tag:ئامېرىكا 2013年02月02日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/228279848.html
ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى زۇڭتۇڭلىرى
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى(2013-01-24) ماقالىسى:
ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى زۇڭتۇڭلىرى
ئامېرىكىدا ھازىرغا قەدەر 44 كىشى زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە ئولتۇردى، بۇلاردىن بىرى ھېچقانداق پارتىيەگە تەۋە ئەمەس، تۆتى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، بىرى فېدېراتسىيە پارتىيەسىدىن، 15 ى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، تۆتى ۋىگ پارتىيەسىدىن، 19 ى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن. بۇلاردىن 44 ىنىڭ ھەممىسى ئەر كىشى، 43 ى ئاق تەنلىك، بىرەيلەن، يەنى 44-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ باراك ئوباما قارا تەنلىك. تۆۋەندە ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى زۇڭتۇڭلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.
1. گىئورگى ۋاشىنگتون؛ 1789-يىلىدىن 1797-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
2. جون ئادامس؛ فېدېراتسىيە پارتىيەسىدىن، 1797-يىلىدىن 1800-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
3. توماس جېففېرسون؛ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1801-يىلىدىن 1808-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان.
4. جامېس مادىسون؛ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1809-يىلىدىن 1816-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان.
5. جامېس مونرو؛ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1817-يىلىدىن 1824-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان.
6. جون كيۇنكىي ئادامس؛ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1825-يىلىدىن 1828-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان، 2-زۇڭتۇڭ جون ئادامسنىڭ ئوغلى.
7. ئادرېۋ جېكسون؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1829-يىلىدىن 1836-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
8. مارتىن ۋانبۇرېن؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1837-يىلىدىن 1840-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
9. ۋىلليام ھاررىسون؛ ۋىگ پارتىيەسىدىن، 1841-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1841-يىلى 4-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ تايلېر زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.
10. جون تايلېر ۋىگ؛ پارتىيەسىدىن، 1841-يىلىدىن 1844-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
11. جامېس پولك؛ دېموكرارلار پارتىيەسىدىن، 1845-يىلىدىن 1848-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
12. زاچارى تايلور؛ ۋىگ پارتىيەسىدىن، 1849-يىلىدىن 1850-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1850-يىلى 7-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، فىللمور زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.
13. مىللارر فىللمور؛ ۋىگ پارتىيەسىدىن، 1850-يىلىدىن 1852-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
14. فرانكلىن پىئېرس؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1853-يىلىدىن 1856-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
15. جامېس بۇكانان؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1857-يىلىدىن 1860-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
16. ئابراھام لىنكولن؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1861-يىلىدىن 1865-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1865-يىلى 4-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جونسون زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.
17. ئاندرېۋ جونسون؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1865-يىلىدىن 1868-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
18. ئۇلىسسېز گرانت؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1869-يىلىدىن 1876-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
19. رۇزېرفورد ھايېز؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1877-يىلىدىن 1880-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
20. جامېس گارفىلد؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1881-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1881-يىلى 9-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئارزۇر زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.
21. چېستېر ئارزۇر؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1881-يىلىدىن 1884-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
22. گروۋېر كلېۋېلاند؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1885-يىلىدىن 1888-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
23. بېنجېمىن ھاررىسون؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1889-يىلىدىن 1892-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1841-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ ۋىلليام ھاررىسوننىڭ نەۋرىسى.
24. گروۋېر كلېۋېلاند؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1893-يىلىدىن 1896-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
25. ۋىلليام ماككىنلېي؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1897-يىلىدىن 1901-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1901-يىلى 9-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ روزېۋېلت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.
26. زېئودور روزېۋېلت؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1901-يىلىدىن 1908-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
27. ۋىلليام تافت؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1909-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
28. ۋودروۋ ۋىلسون؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1913-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
29. ۋاررېن ھاردىڭ؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1921-يىلىدىن 1923-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1923-يىلى 8-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇئاۋى زۇڭتۇڭ كولىدجى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.
30. كالۋىن كولىدجى؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1923-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
31. ھېربېرت ھوۋېر؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1929-يىلىدىن 1932-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
32. فرانكلىن روزۋېلت؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1933-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1945-يىلى 4-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن، مۇئاۋى زۇڭتۇڭ ترۇمان زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان. فرانكلىن روزۋېلت ئامېرىكىنىڭ 26-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى زېئودور روزېۋېلتنىڭ شىرەم تۇغقىنى.
33. ھاررى ترۇمان؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
34. داۋىت ئېزىنخوۋېر؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1953-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
35. جون كېننېدى؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1961-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1963-يىلى 11-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جونسون زۇڭتۇڭلۇق ۋەزپىسىگە ئولتۇرغان.
36. ليندون جونسون؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1963-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
37. رىچارد نىكسون؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1969-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. 1974-يىلى 8-ئايدا سىياسىي سەتچىلىك تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.
38. گېرالد فورد؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1974-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
39. جىممى كارتېر؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1977-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
40. رونالد رېگان؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1981-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
41. گېئورگى بۇش؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
42. بىل كلىنتون؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1993-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.
43. گېئورگى؛ ۋالكېر بۇش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 2001-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 41-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ گېئورگى بۇشنىڭ ئوغلى.
44. باراك ئوباما؛ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 2009-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان زۇڭتۇڭ.
★★★★★
http://uy.ts.cn/wenhua/content/2013-01/24/content_258119.htm
★★★★★