ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 26- ئاپرېلدىن باشلاپ كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، قەشقەر شەھىرىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 26- ئاپرېلدىن 29- ئاپرېلغىچە، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 34 سېلتسىيە گىرادۇستىن 36 سېلتسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئوت ئاپىتىنى كۆپەيتىۋېتىشى، دەريالارغا كەلكۈن كېلىشى مۇمكىن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئوت ئاپىتى، كەلكۈن ئاپىتىدىن ئالدىن مۇداپىئە كۆرۈشى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان دېھقانلار پارنىكلارنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ، كۆكتات مايسىلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىمكەن.