ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئابلىز خەۋىرى: يېقىندا دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 2010 - يىللىق ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن››لارنى تەقدىرلىدى. قومۇل توك ئىشلىرى ئىدارىسى قومۇل ۋىلايىتى بويىچە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ئورۇن بولۇپ قالدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل توك ئىشلىرى ئىدارىسى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىمى نۇقتىسىنى ئاممىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇشقا قارىتىپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر چېنىقىش ئارقىلىق تەربىيەلىنىشتەك كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ھازىرغىچە، بۇ ئىدارە ۋاسكېتبول، بىر پەي توپ مەيدانى، تىكتاك توپ، چېنىقىش ئۆيى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر ۋاسكېتبول كوماندىسى، شىنجاڭ توكچىلىقى تىكتاك توپ جەمئىيىتى، تەيجى گۇمپىسى، قىلىچۋازلىق كوماندىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. ھەر يىلى چوڭراق بايراملاردا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئامما ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ‹‹ھەر ئايدا پائالىيەت بولۇش، ھەر ھەپتىدە مۇسابىقە بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل توك ئىشلىرى ئىدارىسى، شىنجاڭ توك ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ۋىلايەت ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقاندىن سىرت، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ھەر خىل مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئاشتى. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئورۇننىڭ سەممىي بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، تۆھپە قوشۇشتەك يادرولۇق قىممەت قارىشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىلدى.