ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ماھىنۇر توختاجى خەۋىرى: يېقىندا، قىزىلسۇ ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەردىن كەلگەن 70 نەپەر دىنىي زات قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشتە بۇ يىلقى تۇنجى قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى . مۇخبىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستى بۇ يىل دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش بويىچە تۆت قارار كۇرس ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 280 ئادەم (قېتىم) دىنىي زات تەربىيەلىنىدىكەن. دەرسلىك مەزمۇنى ئىلگىرىكى دەرسلىك ئاساسىدا يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 22 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ 26 تۈرلۈك چېكى توغرىسىدا» قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلىدىكەن .