ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا ‹‹يېشىل چىراغ››يېقىپ بەردى

2011-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىم توختى خەۋىرى: قىزىلسۇدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ‹‹بىر كىشىنى سىرتقا چىقىرىپ ، بىر ئائىلىنى بېيىتىش›› نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، ئىشلەمچىلەرنى قوش تىل، قانۇن، بازار ئىگىلىكى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى ھەمدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرا ھەققىنى ئاتچوت قىلىپ بەردى. نەتىجىدە، 1-پەسىلدە ئوبلاست بويىچە 13مىڭ 411 ئادەم (قېتىم)سىرتقا چىقىرىلىپ،18 مىليون 660مىڭ يۈەن كىرىم قىلىندى، بۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 1مىليون 80مىڭ يۈەن ئارتۇق.

    ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان، گۇاڭجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن تۇرغانبۈۋى مالەك ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ئېيىغا 2000 يۈەن كىرىم كىرىم قىلالايدىغان بولدى، قىزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغان ئاتا –ئانىسى يۇرتداشلىرىغا سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا ‹‹يېشىل چىراق›› يېقىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەيدىغان بولدى.

 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر