ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان گايىت خەۋىرى: غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئىككىنچى سەپ ، يەنى بۈگۈرنىڭ جەنۇبىدىن تۇرپانغا تارتىلغان تارماق غول لىنىيە تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇش بۆلىكىدە مۇشۇ ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، يىل ئاخىرىدا گاز بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.
بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 4 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بىرىنچى سېپىدىكى باش بېكەت بۈگۈرنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ، بۈگۈر، كورلا شەھىرى، توقسۇن ناھىيەسى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 524 كىلومېتىر كېلىدۇ.