ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىندا ، كۇچا ناھىيە ساقساق ئىش باشقارمىسىنىڭ 2011–يىللىق ‹‹ھۆكۈمەت ياردىمىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى›› ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرگەزمە ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرگەزمە مەيدانى ، كەشتىچلىك ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، باش كىيىم ، ئاياغ تىكىش ، كىيىم تىكىش ، مېتالدىن ياسالغان بۇيۇملار ، ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملار قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولغانلار ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپلەر بويىچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ساقساق ئىش باشقارمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تەۋەلىكىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل تارقىتىش ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى تارقىتىش ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى ھەر خىل تېخنىكىلىق بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ، تەۋەلىكىدىكى ئىشسزلارنىڭ نىسبىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، يەنە ئۆتكەن يىل كۈزدىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە تەۋەلىكتىكى ھەر قايسى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتلىرىدىكى 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ، ئىش تېپىشى تەس بولغانلار ، ئائىلىسىدە بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار ، مېيپلار ۋە ‹‹ئىككى خىل ئەمگەك›› تىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە جەمئىي 300 مىڭ يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىىش ياردەم مەبلىغى تارقىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى .
كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى يۈسۈپچان مۇھەممەد باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا
ۋىلايەت ۋە ناھىيە مەسئۇللىرى كۆرگەزمە مەيدانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنى كۆرمەكتە