ھەي، قوشنا دىگەن....(ھىكايە)

ۋاقتى:2011-03-26 17:44مەنبە: يوللىغۇچى: رابىيە چېكىلىشى:قىتىم
  

ھەي، قوشنا دىگەن....(ھىكايە) ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۆمىن مۇئەللىم  بىلەن ئارىپ دىرىكتور ئىشىكلىرى ئۇدۇل قوشنىلاردىن  ئىدى. مۆمىن ئىسىملىك بۇ جۇغى كىچىك فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قولىدىن نۇرغۇن  ئىشلار  كىلەتتى. ئۇ  باشقىلارنىڭ ھاجىتى چۈشۈپ ئۆزىنى  ئىزدەپ كەلسە ، ئۇلارنىڭ ئۈمۈدىنى ھەرگىز  يەردە قويمايتى . ئارىپ دىرىكتور  ئىسمى -جىسمىغا لايىق كەم سۆز ، قولى ئەپلىك  بۈ قوشنىسىنى  پات-پاتلا ئىزدەپ تۇراتتى . بۇنداق چاغلاردا ئۇ؛<< ھەي، قوشنا دىگەن مۆمىنجاندەك بولسا...>>  دېگەننى ئاغزىدىن  چۈشۈرمەيتتى. ئىز تورى بەك ياخشى

-ھەي مۆمىنجان، گاز ئوچاق ئاۋارە  قىلۋاتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- ھەي  مۆمىنجان ، كىرئالغۇدىن غەلىتە ئاۋاز چىقىپ ، توختاپ قالىدىغان بولىۋالدى... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

-مۆمىنجان ، ئۈنئالغۇمىز لىنتا چاينايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-ھەي مۆمىنجان، تۇربىنىڭ سۈيى جۈمەكنى ئىتىۋەتسىمۇ ئىقىۋاتىدۇ، ئەستا...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-مۆمىنجان، توك دەزمىلى قىززىمايدىغۇ، توكقا ئۇلىغىلى نىكەم. ئىز تورى www.iz.la

-ھەي  مۆمىنجان .... ئىز تورى بەك ياخشى

ئۇلار قوشنا بولغان يەتتە يىلدىن بۇيان مۆمىن مۇئەللىم بۇ قوشنىسىنىڭ ھاجىتىدىن تالاي قىتىم چىقتى . لىكىن ، ئۇنۇڭدىن  ھىچنىمە تەلە پ قىلمىدى. << بارىكاللا، رەھمەت، ھەشقاللا>> غا شۈكۈر قىلدى. ئەكسىچە، ئارىپ دىرىكتور  ئۆيگە مىھمان چاقىرغان چاغلاردا، بۇ خالىس قوشنىسىنى <<ئۇنتۇپ>>  قالاتتى. مۆمىن مۇئەللىم بۇنى  ھەرگىز كۆڭلىگە  ئىلىپ يۈرمەيتتى. بۈگۈن  مۆمىن مۇئەللىمنىڭ دەرۋازىسى ئىچىلمىدى. كەچ مەھەل ئارىپ دىرىكتور ئۆيىگە  مىھمان چاقىردى. سورۇننىڭ كەيپىياتى ئەۋجىگە  چىققاندا، مىھمانخانىدىكى 150 ۋاتلىق ئېسىل چىراغ<<لاپ>> قىلىپ ئۆچۈپ قالدى.چىراغنىڭ لامپۇچكىسى ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇ ئۈنىمى بولمىدى. غۇتۇلداپ تەنە قىلىشقان ئاۋازلارنى شامنىڭ يورۇقى باسالمىدى. بىراق، ئاشخانا ئۆينىڭ، ھويلىنىڭ چىراقلىرى نورمال يىنىپ تۇراتتى. تىت-تىت بولۇپ ھۈپپىدە قىزارغان  ئارىپ دىرىكتور  پالاقلاپ يۈگۈرگىنىچە مۆمىن مۇئەللىمنىڭ دەرۋازىسىنى  ئۈزۈلدۈرمەي مۇشىتلىدى، ھىچ  سادا  يوق، دىرىزىسىنى  چەكتى، يەنە  جىم.. ئەمما ئۇنىڭ ھويلا ئۆيلىرىدىكى چىراغلار يورۇپ تۇراتتى. تەقەززالىق ئۇنىڭ تاقىتىنى كەستى. ئۇ ھويلا تىمىغا يانداش تونۇرنىڭ ئۈستىگە  چىقىپ  تامدىن  ئارتىلىپ چۈشكەنچە ئۆيگە  كىردى ، ئۇ  ئۆيگە  كىردى-دە، تۇرۇپلا  قالدى، مۆمىن مۇئەللىم كارۋاتتا ئىڭراپ ياتاتتى. ئۇنىڭ 9-10 ياشلاردىكى قىزى يىغلاپ كەلگەنچە ئارىپ دىرىكتورغا ئېسىلدى؛ www.iz.la

- ئانام يىزىغا خىزمەتكە كىتىپ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىدى.دادام تاماقمۇ  يىمەي <<ۋاي-ۋاي>>دەپ ياتىدۇ. مەن  كەچ  كىرگەندە قورقۇپ دەرۋازىنى  ئىچىدىن تاقاپ ھەممە چىراغلارنى ياندۇرۇپ قويدۇم. ئەمدى قانداق  قىلارمەن  ئارىپ تاغا.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- ما ئىشنى  كۆرمەمدىغان،-دىدى  ئارىپ دىرىكتور  تەلەتىنى تۈرۈپ، - ئىسىل مىھمانلار قاراڭغۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلىۋىدى، شۇڭا كىرىۋىدىم، ئەستا-... ئۇ كەينىگە  بۇرۇلۇپ، ھاسىراپ-ھۆمىدىگىنىچە ھويلىغا كىرىپلا   ئوغلىنى ئالدىراتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

- سەن  ھازىرلا مېنىڭ پىكاپىمنى ھەيدەپ بىرىپ ، توك  بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىدىكى ھىلىقى دوستۇڭنى سايمانلىرى بىلەن قوشۇپ ئىلىپ كەل! قىنى  بول  چاپسان! ھەي، قوشنا دېگەنزە.... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مەنبە؛ <نىقابلانغان قاتىللار> دىگەن  كىتاپتىن  ئىلىندى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • پەرىشتە يىغلايدۇ...

    كىسەل ئاسارىتىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن، ئاغرىق دەستىدىن ئىڭراۋاتقان كۈچسىز بەدىنىمنى تولىمۇ، تولىمۇ تەستە مىدىرلىتىپ بار كۈچۈمنى ئاران دىگەندە يىغىپ، كارۋىتىم بېشىدىكى تارتمىدىن ماڭا 3 ئاينىڭ بىرى ھەمرا بۇلۇپ كەلگەن، سەن ماڭا سوۋغا قىلغان ئاشۇ قارا خاتىرە دە...

  • دادامىنىڭ چامىدىنى

    (ئورخان پاموك) دادام ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قوليازما ۋە خاتىرە-دەپتەرلىرى بىلەن تولغان كىچىك بىر چامادىنىنى ماڭا بەردى. ئۇ بۇ قېتىممۇ ھەر دائىمقى خۇشخۇيلۇقى بىلەن ئۆزىدىن، يەنى ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇلارنى كۆرۈپ چىقىشىمنى تاپىلىدى. - قېنى كۆر...

  • ئالقاندىكى قوياش

    1878-يىلى قىشىتا كالپۇكلىرى توڭلاپ كۆكىرىپ كەتكەن بىر تىلەمچى كوچىدا كېتىۋاتقان تۈرگېلنېغىنىڭ ئالدىنى توستى-دە، قىزىرىپ ئىشىشىپ كەتكەن پاسىكىنا قولنى سۇنۇپ،ئۇنىڭىدىن سەدىقە تىلىدى.يانچۇقىنى خېلىغىچە ئاختۇرۇپمۇ ھېچنەرسە تاپالىمىغان تۈرگېنېف ناھايىتى ئوڭايس...

  • بىلەيچى بوۋاي

    -بالام،بىلەي دېگەن ئەسقاتىدىغان نەرسە، بىر ئۆيدە كەم دېگەندىمۇ تۆت-بەش پىچاق، بىر-ئىككى قىڭراق. كەكە،پالتا بولىدۇ. بىرەر بىلەي بولسا، ئىشلەتكەندە قىينالمايمىز. بۇرۇنقى چاغلاردا ھەممە ئەركەكلەردە راۋرۇس بىردىن پىچاق بولىدىغان، ئەمدى ئون ئەردىن سورسا.بىر پى...

  • ئانا قەدىرى

    ئاننىڭ بالا ئالدىدىكى ئورنىنى،قەدىرى-قىممىتىنى ئىپادىلەش ئاسان ئەمەس،ئىنىسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئاننى ھۆرمەتلەپ، ئاسىراپ،قەدىرلەپ كەلىگەن،ئاننىڭ پەرزنىت ئالدىدا كاتتا پەزىلىتى ئۇلۇغ ئورنى يۈكسەك قەدىر-قىمممىتى بار ،بالىغا ئانا چاڭقىغاندا قانائەت،ز...

  • ھايات ياخشىلىق دەرىخىدۇر

    بىر قانغۇ كىشى كېچىسى يول يۈرگەندە دائىم پانۇس كۆتۈرۋالىدىكەن،باشقىلار بۇنى كۆرۈپ تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلىپ،ئۇنىڭىدىن؛ -كۆزۈڭ كۆرمىسە يەنە نېمىشىقا پانۇس كۆتۈرۋالىسەن؟دەپ سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ؛ -سەۋەب ناھايىتى ئاددىي،پانۇس كۆتۈرۋېلىشىم باشقىلارنىڭ مېن...

  • كاۋاپچىنىڭ كەچۈرمىشى

    سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرت...

  • ئوتتا تاۋىلانغان مۇھەببەت ھىكايىسى

    ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا ، بىر ئانا قۇشنىڭ زور ئوت ئاپىتىدە ، ئۆزىنىڭ تېخى ئۇچۇرما بولمىغان بالىلىرىنى قانىتى ئاستىدا ھىمايە قىلىش يولىدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك بىر تەسىرلىك ۋەقە تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە سۈرەت بېرىلگەن . بۇ...

  • گال پىچاق

    خۇ فاشەن جاڭ جېجې ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى بولۇپ، خېلى نامى بار ئۆسمە كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى. شۇڭا كىشلەر ئادەتتە ئۇنى جاڭ پىچاق دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بۇ دوختۇرخانىدىكى باشقا كەسىپداشلىرىغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇپلا قالم...

  • تازلىقى يوق لەغمەن

    ئايالىم ئىككىمىز بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە كېسەل يوقلىغىلى بېرىپ، پاراڭ بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ قالدۇق. سېرىق چاچلىق بىر قىز ئالدىمىزغا بىر تەخسىدىن لەڭمەن كەلتۈرىۋېدى، ئايالىم ئاشقازىنىم ئاغرىپ، تۈنۈگۈندىن بۇيان گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمەيۋاتىدۇ دەپ...

  • كۆك كەپتەر

    تومۇزنىڭ تەپتى يەر جاھاننى كۆيدۈرەتتى. ئاسفالت يول ئۈستىدە گىرىمسەن نۇرلار توختىماي جىمىرلاپ تۇراتتى.ئېرىگەن قارا مايىنىڭ ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. ۋېلىسىپىت بىلەن كېتىۋاتقان ئېھسان ئىككى تەرىپىگە بويۇنداپ قاراپ قويدى. ئۇ ئېغىر -ئېغىر نەپەس ئالاتتى. يۈزلىرى...

  • تاكسى شوپۇرى

    شىركەتنىڭ ئىشى بىلەن(س)شەھىرىگە يەنە كەلدىم. (دەۋ سارىيى)نىڭ ئالدىغا كەلگەندە، كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ قالدىم. ساراي ئالدىدىكى مەيداندا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇشقان تاكسىلارغا قاراپ ماڭغاچ، ھېلىقى قىزىل رەڭلىك(شالى)نى ھەيدىگەن تاكسى شوپۇرىنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدى...

  • ھەربىيىنىڭ مۇھەببىتى

    نىجات يانچۇقىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. بارلىق دەرت-ئەلەملىرىنى ئاشۇ تاماكا ئىسى بىلەن يۇتماقچى بولغاندەك كۈچەپ شورايتتى. ئاغزى بۇرنىدىن قويۇق تاماكا ئىسى تۈرۈلۈپ چىقاتتى. كۆزى يولدىن، نامەلۇم بىر نوقتىدىن،ئاشۇ سەلدەك ئېقىۋاتقان...

  • بۇزۇلىغان پەرداز

    (ھېكايە) مەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار ئۇ قارشى تەرەپكە يا ياق، يا ماقۇل دېمەيلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى دە، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى. ماۋۇ قىزلار شۇ تاپتا ئويۇن تاماشىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەندۇ؟ ھېلى كېلىشسە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆز...

  • ئۈچ كۆرۈنۈش

    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟ دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن...