شىنخۇا تورى باغداد 12 ــ فېۋرال تېلېگراممىسى : ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم شەھەر ساماررادا 12 ـ فېۋرال شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 28 ئادەم قازا قىلغان ، 22 ئادەم يارىلانغان .
سامارراغا قاراشلىق سەلەخددىن ئۆلكىسى بىخەتەرلىك قوماندانلىق مەركىزىدىكى خادىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس سەلەخددىن شەھەر سىرتىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ، بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغان بىر كىشى ئاپتوبۇسقا چىقىپ بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتقان .
ئىگىلىنىشىچە ، شىئە مەزھىپىدىكى بۇ مۇسۇلمانلار شۇ كۈنى سەلەخددىندىكى مۇھىم بىر دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان . بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ، مىليونلىغان شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان ھەج تاۋاب قىلغۇچىلار ساماررادىكى ئەلى ھادى مەسچىتىگە بېرىپ ، شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي زات ئىمام ئەسقەرنىڭ قارلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان .
ساماررا _ ئىراقتىكى سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان مۇقەددەس شەھەر بولسىمۇ ، بىراق بۇ يەرگە جايلاشقان ئەلى ھادى مەسچىتى شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى 10 ــ ئىمام ھادى ۋە 11 ــ ئىمام ھەسەن ئەسقەرنىڭ مىيىتى قويۇلغان مۇقەددەس جاي . 2006 ــ يىلى ۋە 2007 ــ يىلى ، بۇ مەسچىت ئىككى قېتىم سۈننىي مەزھىپىدىكى رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ ، بۇ بىۋاستە ھالدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە توقۇنۇشتا نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى قازا قىلغان .