ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئەنخۇينىڭ ليۇئەن شەھىرىدە ئېغىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ تۆت ئادەم قازا قىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

13 – فېۋرال ، خادىملار ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تازىلىماقتا

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى: 12 – فېۋرال كەچتە ، ئەنخۇي ئۆلكىسى ليۇئەن شەھىرىنىڭ جىنئەن رايونىدىكى تاشيول بۆلىكىدە ئېغىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، تۆت ئادەم قازا قىلدى ، بىر ئادەم يارىلاندى . ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتكەن ‹‹سانتانا 2000›› ماركىلىق پىكاپ بىلەن ‹‹بىك›› ماركىلىق پىكاپ ئاساسەن دېگۈدەك كاردىن چىقتى . بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى تاشيولنىڭ ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، 13 – فېۋرال قاش قارايغان چاغدىلا ئاندىن قاتناش راۋانلاشتى .

  13 – فېۋرال، قازا قىلغۇچىنىڭ تۇغقىنى ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قاتتىق قايغۇرماقتا    

ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدان

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!