پاتىمە ئەيسا
سەمىمىيلىك ئادەم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئادىمىيلىكنىڭ مۇھىم بەلگىسى. كىچىكىدىن باشلاپ توغرا يولدا مېڭىپ، سەمىمىي ياشاشنى ئادەت قىلغان ئادەمنىڭ كىشىلىك ھايات يولى خەيرلىك بولىدۇ.
ئىجتىمائىيىتىمىزدە، جۈملىدىن مائارىپىمىزدا سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن كۆز بويامچىلىق، ساختىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس. يېقىندا مائارىپ نازارىتى ئىچكىرى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ يىللىق خىزمەت يىغىنى ئاچقاندا، بۇلتۇر قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتا ساختىلىق قىلغان 18 ئوقۇغۇچىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار يۇرتىنى، مىللىتىنى ئۆزگەرتكەن، شەھەر نوپۇسى بولسا يېزا نوپۇسىغا، كادىر ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى بولسا دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتىگە ئۆزگەرتكەن. ئۇلار قوبۇل قىلىنغان مەكتەپلىرىگە بارغاندىن كېيىن، دەرس باشلانغاندا، ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن، ئورنىغا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمىغان. ئاقىۋەتتە، شۇ سان ئۆلگەن.
ھەر يىلى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى، بىلەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلار ئارىسىدا ھەر خىل ساختىلىق قىلمىشلىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشتا ساختىلىق قىلغان 40 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى. ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ئىدىيە – ئەخلاق دەرسى تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ سەمىمىي، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇپ يېتىشىشى تەكىتلىنىۋاتىدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ساختىلىق خاھىشلىرى يەنە كۆرۈلىدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمتىھان بېرىدىغان شۇ ئوقۇغۇچىدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ۋە شۇ خىزمەتنى بىۋاسىتە ئىشلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە. ئەگەر ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلسا، شۇ ئۆتكەلنى ئىگىلەيدىغان خادىملار ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىسە، بۇنداق ئىشلار ئازىيىشى ياكى تۈپتىن تۈگىتىلىشى مۇمكىن.
ھازىرقى مائارىپىمىز پەزىلەتلىك، سەمىمىي ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ. مەيلى سىز قانچە ياخشى ئوقۇڭ، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك بولۇڭ، ئەخلاق – پەزىلىتىڭىز ياخشى بولمىسا، سەمىمىي ئادەم بولمىسىڭىز سىزنى ھېچكىم قوبۇل كۆرمەيدۇ. 2011 – يىللىق رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى، شۇ خىزمەتنى ئىشلەيدىغان خادىملار يۇقىرىقى تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بۇ يىللىق ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا ھەر بىر ئۆتكەلدە سەمىمىي بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.