لى جىنسۇڭ خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت سودىسى 2009 – يىلىغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشقان، كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، ‹‹ئورگانىك بولۇش›› ھەم ‹‹كام بولۇش›› شىنجاڭ بېلىقىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىق سودىگەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولۇشىدىكى ئىككى چوڭ ئەۋزەللىك بولۇپ، كەلگۈسىدە شىنجاڭ بېلىقچىلىقىنىڭ ئېكسپورت ئىستىقبالى پارلاق بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭ قىممىتى 1مىليون 528مىڭ 900دوللارلىق 532 توننا سۇ مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 272 ۋە % 243 ئاشقان.
شىنجاڭدا ھازىر بار بېلىق تۈرى 100 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىپتىدائىي بېلىق تۈرى % 50نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 خىلدىن ئارتۇق بېلىق تۈرى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتىدۇر. دېمەك، شىنجاڭنىڭ مول، ئۆزگىچە بېلىقچىلىق بايلىقى تېخى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمى ئاستا بولۇپ، سۇ مەنبەسى قارلىق تاغدا بولغاچقا، شىنجاڭ يېشىل، ئورگانىك سۇ مەھسۇلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق جاي ھېسابلىنىدۇ. ھازىر باغراش كۆلى، سايرام كۆلى ۋە ئۆلۈڭگۈر كۆلى قاتارلىقلارنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى دۆلەتنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى.
بۇلتۇر شىنجاڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 103 مىڭ توننىغا يېتىپ، ‹‹10 – بەش يىل›› نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن % 29.5 ئېشىپ، بېلىقچىلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1مىليارد 228 مىليون يۈەنگە يەتكەنىدى. ئاپتونوم رايون بۇنىڭدىن كېيىن بېلىقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئون يىل سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق كەسپىنى ئاساس قىلغان سۇ مەھسۇلاتلىرى مىقدارىنى 200مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇپ، بېلىقچىلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 5مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.