ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

فرانسىيە نامايشچىلىرى ماي ئىسكىلاتلىرىنى قامال قىلىشنى كېڭەيتتى پىرىزدېنت زوراۋانلىقنى باستۇرۇش ساقچىلىرىنى ھەركەتكە كەلتۈردىنامايشچىلىرى ماي ئىسكىلاتلىرىنى قامال قىلىشنى كېڭەيتتى پىرىزدېنت زوراۋانلىق

2010-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
پارىژ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى:فىرانسىيەدە داۋاملىق ئۇلغىيىۋاتقان ئىش تاشلاش پارىژ ئايرودرومىنىڭ يېقىلغۇ ئۇزۇتۇش سېستىمىسىنى توسالغۇغا ئۇچراتتى،فىرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىي 10-ئاينىڭ15-كۈنى زوراۋانلىقنى باستۇرۇش ساقچىلىرىنى ئىش تاشلاش تەسىرىگە ئۇچرا
  

                                       

پارىژ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى:فىرانسىيەدە داۋاملىق ئۇلغىيىۋاتقان ئىش تاشلاش پارىژ ئايرودرومىنىڭ يېقىلغۇ  ئۇزۇتۇش سېستىمىسىنى توسالغۇغا ئۇچراتتى،فىرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىي 10-ئاينىڭ15-كۈنى زوراۋانلىقنى باستۇرۇش ساقچىلىرىنى ئىش تاشلاش تەسىرىگە ئۇچراپ تىجارىتى توختاپ قالغان نېفىت شېركىتى ئامبارلىرىغا ئەۋەتىپ،ماي ئامبارلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

فىرانسىيە پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى60ياشتىن62ياشقا ئۇزارتقاچقا ئىش تاشلاش دولقۇنىنى بارغانسېرى كەسكىنلەشتۈرىۋەتكەن،ساقچى تەرەپ10-ئاينىڭ15-كۈنى نامايىشچىلار بىر قىسىم ماي ئامبارلىرىغا قۇرۇپ قويغان توساقلارنى تازىلاشقا باشلىغان،نامايىشچىلار باشقا ماي ئىسكىلاتلىرىغا يۆتكۈلۈپ بېرىپ،ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيە ئىسلاھاتىغا داۋاملىق قارشى تۇرغان.

فىرانسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ دېيىشىچە،300دىن كۆپ مەكتەپ ئۇدا 4كۈن داۋاملاشقان ئىش تاشلاش ھەركىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان،پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان.

بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش دولقۇنىدا،فىرانسىيەدىكى12ماي چەككىلەش زاۋۇتى ئىش تاشلاش سېپىگە قېتىلغان،تىجارەت كۆلىمى تارايغان.بۇنىڭدىن سىرت،نامايىشچىلار نېفىت شېركىتىنىڭ ماي ئىسكىلاتىنى قامال قىلىۋېلىپ،يېقىلغۇنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا توشۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان،نەتىجىدە فىرانسىيەدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ماي قەھەتچىلىكى تەھدىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىپ،ماي چەككىلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىش توختىشىشى نېفىت شېركەتلىرىنىڭ زاپاس يېقىغۇسىنىڭ بارا-بارا ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ھەمدە ئامما ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان،ئامما تالىشىپ يېقىلغۇ سېتىۋېلىشقا باشلىغان.

فىرانسىيەنىڭ ماي قەھەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ساركوزىي ساقچى ئەۋەتىپ نامايىشچىلارنىڭ ماي ئىسكىلاتلىرىنى قامال قىلىۋېلىشىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.ساركوزىي:«ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى بارلىق فىرانسىيە خەلقىنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىكى تۇرمۇشى ۋە بالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈشكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن»دېگەن.

ئىش تاشلاشقا چاقىرىق قىلغان فىرانسىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە،ساقچىلار ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر ماي ئىسكىلاتىغا بارغاندا زاۋۇتنىڭ خادىملىرى ھەرقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگەن.نۆۋەتتە4ماي ئىسكىلاتى قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن،ئەمما ئاز دېگەندە5ماي ئىسكىلاتى يەنىلا قامال قىلىۋېلىنغان.

يەرلىك دائىرىلەر نېفىت شېركەتلىرىنىڭ جىددىي يېقىلغۇ زاپىسىنى ئىشلىتىشىنى تەستىقلاپ،يېقىلغۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرغان.بىراق،يەرلىك دائىرىلەر ھۆكۈمەت كومىتىتى كونتروللىقىدىكى ئىستراتىگىيىلىك يېقىلغۇ ئىسكىلاتىنى ئېچىشنى رەت قىلغان.

پارىژدىكى ئىككى ئاساسلىق ئايرودرومغا يېقىلغۇ توشۇشقا مەسئول شېركەتنىڭ باياناتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە،ئەگەر يېقىلغۇ ئۇزۇتۇش داۋاملىق توسالغۇغا ئۇچرىسا،ئايرودرومدا كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ماي قەھەتچىلىكى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.بۇ باياناتچى:«ئاۋلى ئايرودرومىنىڭ يېقىلغۇ زاپىسى17كۈن يېتىدۇ،بىراق دېگول ئايرودرومىنىڭ يېقىلغۇ زاپىسى ئېھتىمال كېلەر ھەپتە تۈگىشى مۇمكىن»دېدى.

فىرانسىيە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ نامايىش سېپىگە قوشۇلغان،پارىژنىڭ شىمالىدىكى ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ساقچىلارغا تاش ئاتقان،بىرقىسىم ئەمەلدارلار بىلەن ياشلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن،نەچچە ئادەم قولغا ئېلىنغان.

فىرانسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ10-ئاينىڭ15-كۈنى بىلدۈرىشىچە،شۇ كۈنى ئوقۇغۇچى نامايىشچىلار ئەترىتىگە بىر قىسىم ئىش تېرىغۇچى ئۇنسۇرلار كىرىۋالغاچقا،بىر قانچە يەردە ئۇرۇش چېقىش دېلوسى ۋە ساقچىلار بىلەن سۈركۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن،ساقچىلار264نەپەر ئىش تېرىغۇچىنى قولغا ئالغان،10نەچچە ساقچى يارىدار بولغان،بىرىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.

بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي كۈچ بولۇپ قېلىشقا باشلىغان.نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق دەرس تاشلىغان،نەتىجىدە پۈتكۈل فىرانسىيەدە يۈزلىگەن ئوتتۇرا مەكتەپ دەر توختاتقان،نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى فىرانسىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە نامايىش ھەركىتىگە قاتناشقان.

                                                

                                                                                                 

                                                          

                                                          

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!