ئۇ بۇ قېتىم ئاۋۋالقىدىنمۇ بەكرەك يۆتىلىپ كەتتى. دوختۇرخانىغا بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ بۇ نەس باسقۇر يۆتەلدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىغا خىلى ۋاقىت بولۇپ قالغانىدى. دەسلىپىدە سۇغۇق ئۆتۈپ قالغاننىڭ ئىشى دەپ ئويلىدى،ئەمما «سوغۇق ئۆتۈش»بارغانچە ئېغىرلاپ كەتتى. ئايالى شۇنچە يالۋۇرسىمۇ، دوختۇرخانىغا بىرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. چۈنكى ئۇ ھەردائىم ئۆزىنى باشقىلاردىن بەكرەك ساغلام ،تىمەن ئويلايتتى ... بىر نەچچە ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى...
بىرشەنبە كۈنى ئىدى، ئۇ دوختۇرخانىغا ئەمدى بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ ئەيتاۋۇر سەھەردىلا ئايالىنى چاقىردى: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-ئايگۈل، دوختۇرخانىغا بىرىپ كىلەيلى !؟...
- نىمە ،تۇيۇقسىز ئەمدى ! ئەتتىگەندە كىمنى يوقلاپ كىلىمىز ؟
ـ باشقىلارنى يوقلايدىغان كىمنىڭ ۋاقتى، ئۆزۈمنى بىر تەكشۈرتۈپ....
ئۇنىڭ يۆتىلى يەنە تۇتتى، ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىدىن راستىنلا ئەنسىرەپ قالغانىدى.
- تېز بول!، ئۇ قولىدىكى تاماكىسىنى تولىمۇ تەسلىكتە چېكىپ تۈگەتتى.
-ۋاي، مانا ...مانا ... يا بۇرۇنراق دەپ قويماي، جۆيلۈپ قوپقاندەكلا بىر ئىشلارنى قىلىپ ...
ئايالى بىرنېمىلەرنى غۇدۇڭشىۋىدى، لىكىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ھېچنىمە كىرمىدى...
- نومۇرنى قەيەردىن ئالىمىز ؟ ئۇدوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن كىرىۋاتقاچ ئايالىدىن سورىدى ۋە يانچۇقىدىن بىرتال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى. copyright by www.iz.la
- ئەجەبمۇ تويدۇم ،مۇشۇ تاماكا ئىسىدىن ،ھېلىمۇ ئۆپكە-كانايلىرىڭىزنىڭ ساق بولغىنى .
ئايالىنىڭ بۇ تەنە گېپى ئۇنىڭ قىل-قان تومۇرلىرىغىچە سېڭىپ كىردى، ئېچى غۇژژىدە بولۇپ قالدى،گەپ قىلاي دىدىيۇ، يەنە جىمىپ قالدى. ئۇ ئۆپكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا يۆتىلى ئىېسىغا كەلدى ۋە قولىدىكى تاماكىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى ،ئۇھ تارتقاندەك بولدى، تاماكىنى قاتتىق ئىككى تارتىپ ، «سېنى ئەمدى كۆزۈم كۆرمىسۇن» دىگەندەك ئۆزىدىن خىلىلا يىراققا تاشلىۋەتتى.
دوختۇر بارلىق تەكشۈرۈش نەتېجىلىرىنى كۆرۈپ چىقتى،ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدىن بىرەر يامانلىقنىڭ بېشارىتىنى تاپقىلى بولمايتتى.
- يولدىشىڭىزنىڭ ئوڭ ،سول قانات ئۆپكىلىرىنىڭ سىرتقى قىسمىدا قىسمەن چۆكمە داغلار پەيدا بوپتۇ، ھەم ئاز-تولا قورۇلۇشقا باشلاپتۇ . ئۇنىڭغا ئېيتىڭ تاماكا تاشلىسۇن ياكى ئازلاتسۇن ، مەن دورا-ئوكۇل يېزىپ بىرەي،ئۈزۈلدۇرمەي دورا يىسۇن ، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ھازىرچە چوڭ ئىش يوق ،خاتىرجەم بولۇڭ. مەن يېزىپ بەرگەن دورا –ئوكۇللارنى بىرمەزگىل ئۈزۈلدۇرمىسە يۆتىلى ئوڭشىلىپ كېتىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ھە ، بىلدىم دوختۇر، ئەمما ئۇ مېنىڭ گېپىمنى پەقەتلا ئاڭلىمايدۇ، مۇمكىن بولسا سىز ئۆزىڭىز بىر ئېغىرراق گەپ قىلىپ قويغان بولسىڭىز، ئەگەر ئۇ چوڭ مەسىلە يوق دىگەن گەپنى ئاڭلىسا يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەيدۇ.
- بولىدۇ، ئەتە ساڭا تېلفۇن قىلاي،مەن ھازىر دوختۇرخانىدا ...-، ئۇ تېلىفۇننى قويۇپلا دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.
-بىماردىن باشقا ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار !
- دوختۇر، مەندە چوڭ مەسىلە يوقتۇ ،ئەھۋالىم قانداقراقكەن؟
- بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق چوڭ مەسىلە چىقسا بولاتتى، كۆپ بولسا بىر-ئىككى يىل ياشىيالايسىز ،ئۆپكىڭىز قورۇلۇپ ،سېغىمچانلىقى ناھايىتى كىچىكلەپ كېتىپتۇ ،ھەممە يىرىگە داغ چۈشۈپتۇ ... ئۇنىڭ ھەممىسى مىكرۇب، شۇڭا سىز توختىماي يۆتېلىسىز . بۇ ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەنلىكنىڭ ئالامېتى. نەپەس ئېلىشىڭىز بارغانچە قىيىنغا چۈشىدۇ، ياخشى كۈتېنىۋىلىڭ ! www.iz.la
سەۋەپ قىلمىسا خۇدامۇ ساقلىمايدۇ ئۇكام.
-نىمە ؟ ...مەن تېخى قېرىققىمۇ .... -، ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنىمۇ دىيەلمەي يەنە يۆتىلىپ كەتتى .
دوختۇرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى گېپى ئۇنىڭغا ئايالىنىڭ گېپىدىنمۇ بەكرەك تەگدى . ئۇ خۇددى ھازىرلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدى ،ھەممە ئەزايى بوشىشىپ كەتتى . تۇرۇپ-تۇرۇپ مەيدىسىنى تۇتۇپ قوياتتى. يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاپ قالاتتى. راست، ئۇنىڭ روھى ئۆلۈپ بولدى ئەمما جىسمى شۇ پېتى .
ئۇ ئۆيگە قانداق بېسىپ كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى، ئۆيدىكى كۈلدان ،تاماكا، چاقماق، مۇخۇركا گېزىتى ... ئىشقىلىپ تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن يېغىشتۇرۇپ ھەممىنى بىر يولىدا تاشلىۋەتتى.لىكىن ئۇ ئۆزىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاپ بولغانىدى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ «ئۇزۇن يىللىق ھەمراھى»دىن بىراقلا قول ئۈزدى . ئىز تورى www.iz.la
ئىككى ھەپتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئىككى ھەپتىدە قانچىلىك قىينالغىنىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى . چۈنكى تاماكا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايالىدىنمۇ بەكرەك ئۇزۇن يىللىق «ھەمراھى»، «سۆيگىنى» ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆلۈمنى ئويلىسىلا ،بولۇپمۇ دوزاخنى ئويلىسىلا، ھەممىنى ئۇنتۇيتتى، خۇمارىمۇ بېسىققاندەك بولاتتى. - «توۋا،ھېلىمۇ خېروئىن چەكمەيدىكەن»، ئۇ ھەر قېتىم خۇمارى تۇتقاندا، بولۇپمۇ تاماقتىن كېيىن شۇنداق ئويلايدىغان بولۇپ قالدى...
بۈگۈن كېچە ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىدى، ئۇ قوش قىيناشقا دۇچ كەلدى . ئۇيقۇسىزلىقتىن بىر قىينالسا، بۇرۇقتۇرمىلىق ،بىر تال تاماكا چېكىۋىلىش ئىستىكى ئۇنى تېخىمۇ قىينايتتى. «ياق، چەكسەم بولمايدۇ!» ئۆز – ئۆزىگە رەددىيە بىرەتتى ئۇ، خۇددى تۈنجى قېتىم قاتىللىق قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىرىدەك . ئەمما يەنىلا قەلبى، ئىچىدىكى« ھەقىقىي ئۆزى» ھەممىدىن غالىپ كەلدى. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ بارلىق «سۈنئي پەرز»لىرىنى چۆرۈپ تاشلىدى .«ھامان بىر –ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىكەنمەن ،بۇبداق چەكلىمىلىك ئىچىدە ياشىغاندىن، ئۆزۈم خالىغاننى قىلىپ ،ئەركىن ياشاپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمانىم يوق ئەمەسمۇ!» دەپ ئويلىدى ئۇ. گويا يىرىم كېچىدە يالىڭاچلانغان ئاشنىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭغان بىرىدەك، ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى...