ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بولغان جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا لىنىيىسىنىڭ خۇاڭخې دەريا تونىلى قۇرۇلۇشى 22-ئىيۇن تولۇق پۈتۈپ رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى . مەزكۇر قۇرۇلۇش خۇاڭخې دەرياسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان قوش يۆنىلىشلىك ئېقىن تونىل قۇرۇلۇشى بولۇپ ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تېگىدىن 40 مېتر چوڭقۇرلۇقتا ، 4250 مېتر ئۇزۇنلۇقتا قېزىلغان ، پۈتكۈل سۇ ئىنشائاتى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى ئىچىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى قۇرۇلۇش بۆلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .