1-ئىيۇن بېلگىيە پايتەختى بېرۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقى باش شىتابىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى سايلاپ چىقىلدى . بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا بېلگىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلىپ ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ئىسپانىيىنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىس دۆلەتلىكىگە سايلاندى . بۇ بېلگىيىنىڭ 12-قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىس دۆلەتلىكىگە سايلىنىشى بولۇپ ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 6 ئاي بولىدۇ .