تېڭشۈن تورى خەۋىرى، گەرچە سېزىمچان ئېكرانلىق يانفونلار ئاللىبۇرۇن جاھاننى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر ھېچ بولمىغاندا نوكىيانىڭ ئابونېنتلىرى يەنىلا QWERTYپۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسىنى ياقتۇرىدىكەن.
نوكىيا يېقىندا ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ھەرخىل كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئىستاستىكا قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %48.64 ئابونېنت QWERTYپۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسىنى تاللىغان، 34.69%تى تۇنجى بولۇپ سېزىمچان ئېكراننى تاللىغان. ئۇنىڭدىن باشقا رەقەملىك كۇنۇپكا ۋە ئاۋازلىق كىرگۈزۈشنى تاللىغانلار ئايرىم ھالدا 8.91%ۋە 7.75%بولغان.
قىزىقارلىق يېرى، دۆلەت تەۋەلىكى بويىچە ئايرىغاندا، ئامېرىكىلىقلار سېزىمچان ئېكرانلىق يانفوننى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەت ئامېرىكىدا 47.22%بولغان. ئەكسىچە، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى، مەسىلەن گىرمانىيە، ئەنگىلىيە، شۋىتسىيە، گوللاندىيە ۋە بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر، مەسىلەن فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە ئالدى بىلەن QWERTYپۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسىدا كىرگۈزۈشنى تاللىغان.
ئۇنداقتا جۇڭگۇدىكى ئەھۋال قانداق؟ ئەگەر نوكىيا ئابونېنتلىرىنى قوشمىساق، بىزنىڭچە QWERTYكۆپچىلىكنىڭ دەسلەپكى تاللىشى ئەمەس ئەلۋەتتە