
Acerشىركىتى يېقىندا گۇاڭجۇدا ئىنتايىن نەپىس بولغان Acerھەرە قۇشى S5تىپلىق دەرىجىدىن تاشقىرى خاتىرە كومپىيوتېرنى ئېلان قىلدى. يەرشارى بويىچە ئەڭ نىپىز دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتېرلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان Acerھەرە قۇشى S5نىڭ ئەڭ نىپىز يېرى پەقەت 11 مىللىمېترلا بولۇپ، ئۆز ئالدىغا كەشپ قىلغان بېسىپ قوزغىتىش يوشۇرۇن شەكلىدىكى چېتىش ئېغىزى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتېرنى تېخىمۇ نىپىز بولغان يېڭى ئۆلچەمگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Acerپۈتۈن كۈنلۈك سىملىق مۇلازىمەت ۋە Acerشەخسى مەۋھۇم بوشلۇق تېخنىكىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ھەقىقىي تۈردىكى ھەرۋاقىت تەييار بولۇشتەك كۆچمە تۇرمۇشقا ئىگە قىلىدىكەن. يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان نەپىس شەكىلدىكى Acerدانىشىمەن M 5دەرىجىدىن تاشقىرى خاتىرە كومپىيوتېرى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى Acerھەرە قۇشى S3بىلەن بىرگە، Acerنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتېر ساھەسى ھەشەمەتلىكى بىلەن مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنى كۆرسەتتى.
Acerدۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى خاتىرە كومپىيوتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ ماركا، دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتېر لاھىيە ۋە ئېچىش جەھەتتە، يىنىك، نىپىز بولۇش، ئېچىلىش سۈرئىتى تېز، تورغا ئۇلىنىشى قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدە يۆلىنىشكە تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە SSDۋە H D Dكۆپەيتىلىپ، ئايرىم كۆرسەتكۈچ تاختىسى ۋە ئوپتىك قوزغاتقۇچىسى بار بولغان ئوخشاشىمىغان تىپلىرى بار بولدى، دەرىجىدىن تاشقىرى خاتىرە كومپىيوتېرنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئىھتىياجلىق بولۇپ، بۇ دەل ھازىرقى خاتىرە كومپىيوتېرنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىدۇر.