نۇر تورى تېخنىكا خەۋەرى :گەرچە ئوخشىمىغان دۆلەت ئوخشىمىغان رايون خەلقلىرىنىڭ يان تېلفوننىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى ۋە قىزىقىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ ،بىراق بەزى ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى يان تېلفونلار قانداق دۆلەت ۋە رايونلاردا بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە . ئۇنداقتا تۆۋەندە بۇيىل 7-ئايدا سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىنچە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغان تېلفونلارنى تۇنۇشتۇرىمىز.
1-ئورۇندا تۇرىدىغنى VOneHTC. بۇ يانفون گەرچە HTC One تۈرىدىكى باشقا يانفونلاردەك كۆزنى قاماشتۇرغىدەك بولمىسىمۇ ،لىكىن ئەسلىدىكى كىلاسسىك سىرىتقى كۆرىنىشى ۋە ئەرزان باھاسى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ، بۇ يانفون 3.7دىيوملۇق WVGAكۆرسىتىش ئېنىقلىقتىكى SLCDسېزىملىق ئېكران ئىشلىتىلگەن . HTCيەنەDropboxبىلەن ھەمكارلىشىقان بۇلۇپ ، HTC Oneتۈرىدىكى يانفونلار ھەقسىز ئىككى يىللىق 25GBتور بوشلىقىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ . بۇ يانفونغا Beatsئاۋاز ئەلالاشتۇرۇشتېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ،يەنە Wi-Fiسىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارى بار . يانفون ئارقىلىق كومپىيوتېربىلەن تەڭ قەدەمدە مۇزىكا ھۆججەتلىرىنى يېڭىلىغىلى بۇلىدۇ .4GB ROMۋە 512MB RAMلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ 5مىليون پىسولىق كامىرا ئىشلىتىلگەن ھەمدە F2.0چوڭ نۇر ھالقىسى ، 5FPSئۇلاپ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ۋە سىن بىلەن ئۈننى تەڭ ئېلىش ئىقتىدارى بار .دۆلىتىمىزدىكى باھاسى تەخمىنەن 1600يۇەن ئەتىراپىدا
2-ئورۇندا تۇرىدىغىنى سەنشىڭ SIIIGALAXY بۇيانفون تېخى تارقىتىلماي تۇرۇپلا ئالدىن زاكاس قىلغانلار سانى رىكورت يارىتىپ ھازىر غىچە 10مىليوندىن ئارتۇق سېتىلىپ بولغان بولغان .بۇ يانفون 4.8دىيوملۇق 720pئېنىلىقتىكى HD Super AMOLEDسېزىمچان ئېكران ئىشلەتكەن بۇلۇپ ئېكراننىڭ كۆرسىتىش زىچلىقى 306ppiبۇلۇپ ئېكرانى كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بەخىش ئېتىدۇ. قوش كامىرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ئارقا كامىراسى BSIنۇرسەزگۈچى زاپچاسلىرى ئىشلىتىلگەن 8مىليون پىسو ئېنىقلىقتا رەسىمگە تارتالايدۇ ،1080pلىق سۈزۈكلۈكتكى سىنغا ئالالايدۇ ،3.3 سىكونتا ئۇلاپ 20 مە پارچە رەسىم تارتالايدۇ. ئالدى كامىرا بىر مىليون 900مىڭ پىسو ئېنىقلقتا بۇلۇپ ئالدى كامىراسىغا ئوخشاشلا BSIنۇرسەزگۈچ ئىشلىتىلگەن 720pسۈزۈكلۈكتىكى سىنغا ئالالايدۇ . سەنشىڭ SIIIGALAXYيانفونىغا 1.4GHzلىق تۆت يادرولۇق Exynosبىرتەرەپ قىلغۇچىسى ئىشلىتىلگەن سەرپىياتى بۇرۇنقىدىن % 20 ئازايتىلغان بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇلغان ،ئىچىگە سەپلەنگەنMali-400 MP GPUنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىدىكىدىن % 65 يۇقىرى كۆتىرىلگەن . 1GBRAMۋە 16GBROMلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلەتكەن Android4.0سېستىمىسى قاچىلانغان . ئاۋاز تۇنۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەن ،ئۇچۇر يوللاش،ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانما يوللاش ،سىن ھۆججەتلىرىنى قۇيۇش ۋە سىنغا ئېلىش ،كۈندىلىك ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش بىرقەدەر ئاددى قولايلىق . باتارىيىسىنىڭ سىغىمى 2100مىللىي ئامپىر بۇلۇپ ،سىمسىز توك قاچىلاش ئىقتىدارى بار . بۇ يانفوننىڭ دۆلىتىمىزدىكى باھاسى تەخمىنەن 4999يۇەن.
3-ئورۇندا تۇرىدىغىنى سەنشىڭ NoteGALAXY بۇيانفون تاختا كومپىيوتىردىن سەل كىچىك ئادەتتىكى يانفوندىن سەل چوڭ بولغاچقا GALAXYتۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدىكى ھەم تاختا كومپىيوتىر قىلىپ ئىشلىتىشكە ھەم يانفون قىلىپ ئىشلىتىشكە ئەپلىك . بۇ يانفوننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى 5.3دىيوملۇق سىزىمچان ئېكران سەپلىنىپ كۆرسىتىش ئېنىقلىق 1280 ×800بۇلۇپ ئېكراننىڭ كۆرسىتىش زىچلىقى 285ppiغا يىتىدۇ ،شۇڭا ئىشلەتكەندە ئېكرانى ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ . بۇ يانفونغا يەنە 1.4GHzلىق قوش يادرولۇق بىرتەرەپ قىلغۇچ ھەم 1GBRAMۋە 16GBROMلىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن .ئارقا كامىراسى تارتىش سۈزۈكلىكى 8مىليون پىسو بۇلۇپ ئاپتوماتىك نۇر يىغىش ئىقتىدارى بار ۋە 1080pئېنىقلىقتىكى سىنغا ئالالايدۇ ، ئالدى كامىراسى 2 مىليون پىسولىق ئېنىقلىقتا سۈرەتكە تارتالايدۇ . يۇقىرى سۈرئەتلىك HSPA+تورى سۈرئىتى ئەڭيۇقىرى بولغاندا 21Mbpsغا يىتىدۇ ، Wi-Fi سىمسىز تورى ،GPSئۇرۇن باشلاش سېستىمىسى كۆك چىش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلەنگەن Android2.3.5سېستىمىسى قاچىلانغان . يانفون قېلىنلىقى ئارانلا 9.65مىللىمېتىر بۇلۇپ دۆلىتىمىزدىكى باھاسى تەخمىنەن 3900يۇەن ئەتىراپىدا .
4-ئورۇندا تۇرىدىغىنى X One HTC.
بۇ يانفون تۆت يادرولۇق NVIDIAبىرتەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن بۇلۇپ ،مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچىدا تۆت يادرو ۋە بىر يادەمچى بىرتەرەپ قىلغۇچ بۇلۇپ يانفوننىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىپ قۇۋەتنى تۆۋنلىتىدۇ ،4.7 دىيوملۇق S-LCDسېزىمچان ئېكران ۋە ARM MPEئۈن-سىن بىرتەرەپ قىلىش ماتورى ۋە NEONئۈن-سىن ۋە سىگنال بىرتەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ سىن بىرتەرەپ قىلىش ئىختىدارى ئالاھىدە ياخشىلانغان ھەمدە 1080pسۈزۈكلۈكتىكى سىن بۇيۇملىرىنى ئوقۇيالايدۇ .
بۇ يانفونغا يەنە 1GB RAMۋە 32GB的ROMلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ،8 مىليون پىسو لىق كامىرا ،f2.0لىق چوڭ نۇر ھالقىسى سەپلەنگەن ،ھەمدە HTCئەڭ يېڭى ImageChipسىن بىرتەرەپ قىلىش ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن ، 0.2 سىكىنوت ۋاقىتتا نۇر توغىرلاش 0.7سىكىنوت ۋاقىت ئىچىدە كامىرانى قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە . بىر مىليون 300مىڭ پىسو لىق ئالدى كامىراسى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ،4.0لىك كۆك چىش سەپلەنگەن ،Wi-Fiسىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارى ۋە NFCيېقىن ئارلىقتا ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن .يانفوننىڭ قېلىنلىقى 903 مىللىمېتىر بۇلۇپ يەنەئالاھىدە ئىشلەنگەن DropBoxئىقتىدارى ئارقىلىق ئىككى يىلغىچە ھەقسىز يۆتكىلىشچان ساقلىغۇچ ئىقتىدارىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ .
بۇ يانفون پەقەت ئاق ۋە قارا ئىككى رەڭلىكلا بۇلۇپ دۆلىتىمىزدىكى باھاسى تەخمىنەن 4500يۇەن ئەتىراپىدا .
5 -ئورۇندا تۇرىدىغىنى سەنشىڭ Galaxy Ace S5830.
بۇ يانفون سەنشىڭ Galaxyتېلفونلىرىنىڭ يەنە بىر يېڭى ئەزاسى بۇلۇپ باھاسى بىرقەدەر مۇۋاپىق ،شەكلى ئاددى بۇلىشى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى . بۇ يانفونغا Android2.2سېستىما قاچىلانغان بۇلۇپ 3.5دىيوملۇق HVGAيۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرسىتىشنى قوللايدىغان ۋە كۆپ نۇقتىنى تەڭلە سېزەلەيدىغان سېزىمچان ئېكران ئىشلىتىلگەن.5مىليون پىسولۇق كامىرا سەپلەنگەن ،3.5 مىللىمېتىرلىق تىڭشىغۇچ تۆشىكى ،GPSيول باشلاش سېستىمىسى ،كۆ چىش ئىقتىدارى ،Galaxyئوتتۇرا تۆۋەن تىپ ئىچىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان 800MHzيۇقىرى MSM7227 بىرتەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن .
بۇ يانفوننىڭ دۆلىتىمىزدىكى باھاسى تەخمىنەن 1300يۇەن ئەتىراپىدا .
6 -ئورۇندا تۇرىدىغىنى i9100 GALAXY S II
بۇ يانفون ئالاھىدە نىپىز ۋە Cortex A9قوش يادورولۇق Exynos 4210بىرتەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەندىن سىرىت رەڭگىمۇ ناھايىتى كۆركەن بۇلۇپ 4.27دىيوملۇق سېزىمچان ئېكران ئىشلىتىلگەن بۇلۇپبۇ ئېكرانغا SuperAMOLED Plusماتىريالى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ئېكراننىڭ كۆرسىتىش سۈزۈكلىكى % 50 ئاشۇرۇلغان بۇلۇپ ئېكرانى ئوخشاش تۈردىكى باشقا يانفونلاردىن خېلى بەكلا سۈزۈك .بۇ يانفوننىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى ناھايىتى تىز بۇلۇپ ،بۇرۇنقى نۇسقىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەك توك تېجەيدۇ . ئاندىرويىت(Android) 2.3 سېستىمىسى قاچىلانغان .قوش كامىرالىق بۇلۇپ ئارقا كامىراسى نىڭ تارتىش سۈزۈكلىكىنى 8مىليون پىسو بۇلۇپ 1080pئېنىقلىقتىكى سىنغا ئالالايدۇ . ئالدى كامىراسى 2 مىليون پىسولىق ئېنىقلىقتا سۈرئەتلىك پاراڭلىشىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ . بۇ يانفونغا يەنە HDMIسىن ھۆججەتلىرىنى ئەۋەتىش ۋە DLNAئۇلىنىش ئىقتىدارى قۇشۇلغان ،WiFi،3.0 لىك كۆك چىش تېخنىكىسى ، 1GB RAMۋە 16GBROMئىچكى ساقلىغۇچى سەپلەنگەن بۇلۇپ سۈرئەت ھېسابلىغۇچ ، رەقەملىك كومپاس ،HSPA+يۇقىرى سۈرئەتلىك تور ، Wi-Fi 802.11 n/b/gسىمسىز تور ،GPSئۇرۇن باشلاش سېستىمىسى قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ئەقلى-ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىدۇ .
بۇ يانفوننىڭ دۆلىتمىزدىكى باھاسى تەخمىنەن 3500يۇەن .
7-ئورۇندا تۇرىدىغىنى iPhone4S. iPhone4Sھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان يانفون شۇڭا iPhoneنىڭ ئالغىنقى نۇسقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە يەلىرىنىلا چۈشۈندۈرۈپ ئۆتىمىز ئالما شىركىتىنىڭ iOS 5سېستىمىسنى ئىشلىتىدۇ ،ئالدىنقى ئالما تېلفونلىرىغا قارىغاندا 200گە يېقىن ئىقتىدارلىرى يېڭىلانغان بۇلۇپ يېڭى سەپلىگەن iCloudمۇلازىمەت ئىقتىدارى بولسا iPhone4Sئابونتنى توردكى مۇلازىمىتىردا ئۆزىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىنى ساقلىۋالسا ھەرقانداق جايدا iOS 5سېستىمىسى قاچىلانغان ھەرقانداق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ھەمبەھىرلىنىش ئارقىلىق ئىشلىتەلەيدۇ . iPhone4Sنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە يېرى شۇكى بۇ يانفون غا ئاۋاز ئارقىلىق كونتىروللاش تېخنىكىسىSiriئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ،ئاۋاز ئارقىلىق يانفوننىڭ ئىقتىدارلىرىنى كونتىرول قىلغىلى بۇلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە كامىراسى نىڭ تارتىش سۈزۈكلىكىنى 8مىليون مېگا پىسو غا كۆتۈرگەن بۇلۇپ 1080pئېنىقلىقتىكى سىنغا ئالالايدۇ .دۆلىتىمىزدىكى باھاسى 16GBلىق نۇسقىسى 4998يۇەن .
8-ئورۇندا تۇرىدىغىنى نوكىيا Lumia610.
گەرچە بۇ يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ئۇنچىۋالا ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ بىراق باھاسىنىڭ ئەرزان بۇلىشى ،يانفوننىڭ نىپىز بۇلىشى ،رەڭلىرىنىڭ ھەرخىل بۇلىشى بىلەن يەنىلا ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە .
بۇ يانفون 3.7 دىيوملۇق WVGAسېزىمچان ئېكرانى ئىشلىتىلگەن بىرلا ۋاقىتتا كۆپ نۇقتىنى سىزەلەيدۇ، Windows Phone 7.5سېستىمىسى قاچىلانغان . بۇ يانفونغا يەنە 5 مىليون پىسولىق كامىرا سەپلەنگەن ئاپتوماتىك ھالدا نۇرنى تەڭشىيەلەيدۇ ۋە 720pلىق سۈزۈكلۈكتىكى سىن-ئالغۇغا ئالالايدۇ.
گەر چە يانفون 800 MHzلىق S1بىرتەرەپ قىلغۇچ MB256 (RAM) ئىشلەتكەن بولسىمۇ يانفوننىڭ بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتى كىشىلەرنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمەيدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نوكىيا شىركىتى تەمىنلىگەن نوكىيا خەرىتىسى ، نوكىيا خەۋەرئۇقۇش ياردەمچىسى ، شوپۇرلار يول باشلاش سېستىمىسى سەپلەنەەن بۇلۇپ نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ . بۇ يانفوننىڭ دۆلىتىمىزدىكى بازا باھاسى تەخمىنەن 1400يۇەن ئەتىراپىدا .
9 -ئورۇندا تۇرىدىغىنى سەنشىڭ i8150 GALAXY Wتىپلىق يانفونى .
سەنشىڭ i8150 GALAXY Wتىپلىق يانفونى ئاندىرويىت (Android) 2.3.5 سېستىمىسى قاچىلانغان .بۇ يانفونغا يەنە 1.4GHzلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك MSM8255Tبىرتەرەپ قىلغۇچ . 512MB(RAM) ۋە4GB(ROM) لىق ئىچكى ساقلىغۇچ. HSPA+تېخنىكىسىنى قوللايدىغان سۈرئىتى 14.4Mbpsبولغان تور سەپلەنگەن بۇلۇپ ئوخشاش يانفونلار ئىچىدە سۈرئىتى ئەڭ تىز دەپ قارىلىدۇ .
بۇ يانفونغا يەنە 5 مىليون پىسولىق كامىرا ۋە VGAئالدى كامىرا سەپلەنگەن ئاپتوماتىك ھالدا نۇرنى تەڭشىيەلەيدۇ ۋە 720pلىق سۈزۈكلۈكتىكى سىن-ئالغۇغا ئالالايدۇ.بۇ يانفونغا يەنە Game Hub,Gameloft ۋە EAيۇقۇرى سۈزۈكلۈكتىكى ئۇيۇن تېخنىكىسى،سەنشىڭ گوروھىنىڭ شەخشى تېخنىكىسى Allshare ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ يانفوندىكى ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى تېلۋىزوردا ۋە كومپىيوتىردا تەڭ قەدەمدە قۇيۇش ئىقتىدارىغا ئىگە . Kies AirۋەWi-Fiئارقىلىق سىمسىز ھالدا كومپىيوتىرغا ئۇلىغىلى بۇلىدۇ. بۇ يانفونغا يەنە يىراقتىن كونتىروللاش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ناۋادا يانفونىڭىز يۈتۈپ كېتىپ قالسا يانفوننى تاقاپ قويغىلى ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ .بۇ خىل يانفون پەقەت ئاق ۋە قارا ئىككى خىل رەڭدىلا ئىشلەپ چىقىرىلغان بۇلۇپ دۆلىتىمىزدىكى بازا باھاسى تەخمىنەن 2000يۇەن ئەتىراپىدا .
10-ئورۇندا تۇرىدىغىنى قارا بۆلجۈرگەن (black berry) Bold9900تىپلىق يانفونى.
قارا بۆلجۈرگەن تېلفونلىرى ئىچىدىكى ئەڭ نىپىز يانفون بۇلۇش سۈپىتى ۋە يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى ئالاھىدە ياخشى بۇلىشى ھەم يانفونغا قارا بۆلجۈرگەن كىلاسسىك QWERTYكۇنۇپكا تاختىسى ئۇرۇنلاشتۇرۇش بىلەن يەنە 2.8 دىيوملۇق كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 640×480بولغان سىزىمچان ئېكران ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن Bold9900تەبىئى ھالدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.
بۇ يانفونغا يەنە 1.2GHzلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ 8GB(ROM)ۋە 768MB(RAM)لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ھەمدە يەنە NFCيېقىن ئارلىقتىن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ۋە 3-ئەۋلاد(3G) ۋە 4-ئەۋلاد (4G) تور ئىقتىدارى سەپلەنگەن . HSPA+تېخنىكىسىنى قوللايدىغان بۇلۇپ توردىن چۈشۈرۈش سۈرئىتى يۇقىرى بولغاندا 14.4Mbpsۋە تورغا چىقىرىش سۈرئىتى يۇقىرى بولغاندا 5.76Mbpsبۇلىدىكەن .
بۇ يانفونغا يەنە 5مىليون پىسولىق كامىرا سەپلەنگەن بۇلۇپ 720Pسۈزۈكلۈكتىكى سىن-ئالغۇغا ئالالايدۇ . GPSئۇرۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ،3.5مىللمېمتىرلىق تىڭشىغۇچ ئېغىزى،2.4GHzلىق كۆك چىش تېخنىكىسى ، 5GHzلىق قوش چاستۇتىلىق WLANسىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن .دۆلىتىمىز ئىچىدىكى باھاسى تەخمىنەن 3800يۇەن ئەتىراپىدا .