
ئاق ئاتلىق شاھزادە بېكخامنىڭ يۈزىگە قورۇقلار چۈشۈپ، قېرىلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ قاپتۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىنىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئايالى تۆت بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقاندىن بۇيان «بېكخام بىر ئائىلىك» مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان تېما بولۇپ قالدى.
«قۇياش گېزىت» مۇنداق دېيىلدى:« بېكخام ئەڭ كىچىك قىزى بىر ياشقا توشمىغان ۋاقتىدىلا يەنە بىر بالىلىق بولۇش پىلانىنى تۈزگەن، ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ يەنە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بالا ئالغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن».
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، بىكخام بىلەن ۋىكتورىيەنىڭ تۆت بالىسى بار، بېكخام تۆت بالىسى بولغانلىقىدىن ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىدۇ، ئۇ «مەن ساغلام چوڭ بولىۋاتقان تۆت بالامنىڭ بولغانلىقىدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن» دەۋىتىپ، دەرھال سۆز تېمىسىنى ئۆزگەرتىپ «گەرچە بۇ قارارىم ۋىكتورىيەنى چۆچىتىۋەتسىمۇ ئەمما مەن يەنىلا بىر-ئىككى بالا ئالساق ئاندىن تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كېتىمىز دەپ ئويلايمەن. بەلكىم بىر-ئىككىدىنمۇ ئارتۇق بولىشى مۇمكىن» دېدى.
بېكخامنىڭ قارىشىچە پەرزەنت ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك قىلىدىكەن: «بىز بالىلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلاردىكى بەختلىك مىنۇتلارنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىمىز، شۇڭا بىر يەنە بالىلىق بولماقچى. كەلگۈسىدە يەنە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىمۇ كۆپ بالا ئالامدۇق، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.» ئۇ يەنە ئالاھىدە قىزىنى تىلغا ئېلىپ، قىزىنىڭ قىزلارغا خاس خاراكتېرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەتتىگەندىن-كەچكىچە كەپسىزلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما قىزىنىڭ ناھايىتى ئېغىر-بېسىق ئىكەنلىكىنى، ئوغۇل بالىنىڭ كەپسىزلىكىگە كۆنۈپ قالغان ئۆزىدەك بىر دادىنىڭ قىزىدىكى بۇنداق تەرەپلەردىن ناھايىتى ھەيران قالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.