
يەر شارى تورى مۇخبىرى لى زوڭزې خەۋىرى: رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە «ھۆرىيەت گېزىتى» نىڭ 10- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، تۈركىيە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، 6- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشۈپ كەتكەن رازۋېدكا ئايروپىلانىنى سۈرىيەنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ھېچقانداق دەلىل- ئىسپاتنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر دانە RF-4E تىپلىق رازۋېدكا ئايروپىلانى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مالاتيا ئۆلكىسىدىكى «ئېرغاچ» ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇپ، بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ھاتاي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا رادارنىڭ ئېكرانىدىن يوقاپ كەتكەن. سۈرىيە دەسلەپتىلا مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىكى بۇ ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇنىڭغا بۇ ئايروپىلان دۆلەت ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى- تەرۇز قىلغان دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن. تۈركىيە تەرەپ بولسا ئايروپىلان خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرى سۈرىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتكەن، دەپ چىڭ تۇردى.
تۈركىيە «ھۆرىيەت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇتەخەسسىسلەر ئايروپىلاننىڭ 20 پارچە قالدۇقىنى خىمىيەلىك ۋە فىزىكىلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، مۇشۇنداق دوكلات يېزىپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە سۈرىيەنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئايروپىلانى پاچاقلىنىپ كېتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىندى. ئەمما، مەزكۇر دوكلاتتا ئايروپىلاننىڭ پاچاقلىنىپ كېتىشىگە نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ بار- يوقلۇقى ئېيتىلمىدى.
تۈركىيە قوراللىق كۈچ باش قوماندانلىق شتابىدىكىلەر يەنە 7- ئاينىڭ 13- كۈنى: ئايروپىلاننىڭ پاچاقلىنىپ كېتىشىگە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سەۋەب بولمىغان، دېگەنىدى.