: يانفون سېتىۋالسا ئالقان كومپىيوتېرى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ
دۇنيادا ھەقسىز بولۇشتىنمۇ ياخشى ئىش بارمۇ؟ ئامېرىكىدىكى Sprintنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىيفونىنى سېتىۋالغۇچىلارغا، بىردىن ئالقان كومپىيوتېرىنى ھەقسىز بېرىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئابونېنتلار Sprintبىلەن ئىككى يىللىق كېلىشىم پىلانى ئىمزالىشى كېرەككەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى «ئەقلىيفون سېتىۋالغۇچىلارغا ئالقان كومپىيوتېر سوۋغا قىلىش» پائالىيىتىدە سوۋغا قىلىنىدىغىنى ZTEOptikبولۇپ، بۇ ئالقان كومپيوتېرىنىڭ بازارغا سېلىنغاندىكى باھاسى 100 دوللاردىن تۆۋەن بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا يەتتە ديۇيملۇق 1280×800پىكسېللىق ئېكران، قوش يادرولۇق 1.2GHzگاۋتۇڭ Snapdragon MSM8660بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GBلىق RAMۋە 16GBساقلىغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، microSDئارقىلىق 32GBغا كۆتەرگىلى بولىدىكەن.

ZTE Optikكە يەنە بەش مىليۇن پىكسېللىق كەينى كامېرا ۋە ئىككى مىليۇن پېكسىللىق ئالدى كامېرا، 4000mAhلىق باتارىيە سەپلەنگەن بولۇپ، 3Gتورغا چىقىش ئىقتىدارى بار ئىكەن. مەشغۇلات سېستىمىسى جەھەتتە، Androidنىڭ Honeycomb 3.2نۇسخىسى قاچىلانغان. Sprintنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى، ئائىلىسىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى بەكمۇ جەلپ قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى «ئەقلىيفون سېتىۋالغۇچىلارغا ئالقان كومپىيوتېر سوۋغا قىلىش» پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ پائالىيەت Sprintنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى يەنى ئالما iphone 4Sنى 149.99 دوللارغا چۈشۈرۈش بىلەن تولىمۇ قالتىس ئىش بولغۇدەك!