شياڭگاڭ ۋېلىسىپىت بۇيۇملىرى شىركىتى Tigra Sportبىر خىل ۋېلىسىپىتكە بېكىتىلىدىغان گېنېراتور “Tigra BikeCharge”نى بازارغا سالغان بولۇپ، چاقنىڭ ئايلىنىشىنى ئارقىلىق توك چىقىرىدىكەن، سائەتلىك سۈرئىتى بەش كىلومېتىرغا يەتكەندە توك چىقىرىشنى باشلايدىغان بولۇپ، 20 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئەڭ كۆپ توك چىقىرىدىكەن. توك ئېقىمى 3.0W، 2-3 سائەتتە ئەقلىيفوننى زەرەتلەپ بولىدىغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 765 يۈەن ئىكەن. بۇ مەھسۇلاتقا يەنە LEDچىرىغى سەپلەنگەن بولۇپ، كېچىسى يۈرۈشكە قۇلايلىق ئىكەن. ۋېلىسىپىت مىنسىلا يانفوننى زەرەتلىگىلى بولغاچقا، مۇھىت ئاسراش ۋە سالامەتلىكنى ياخشىلاش رولى بار بولۇپ، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان، ۋېلىسىپىت مىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.