فوربېس جۇڭگو تىلىدىكى ژۇرنىلىدا ‹2012-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق شەخس تىزىملىكى›نى ئېلان قىلدى. جۇڭگونىڭ داڭلىق چولپىنى فەن بىڭبىڭ بۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. جوۋ جېلۈن، ۋاڭ فېيلار ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ئورۇندا تۇرغان. بۇ يىل شىددەت بىلەن نام قازانغىنى ياش چولپان ياڭمى بولۇپ، بۇلتۇرقى 92-ئورۇندىن بۇ يىل 13-ئورۇنغا ئۆتكەن.
جوۋ جېلۈن
كەسپى :ناخشىچى
كىرىمى:1مىليارد 61مىليون 300مىڭ يۈەن
باھالىنىش سەۋەبى:‹قارشى ئۇرۇش›فىلىمىدىكى يېڭى بۆسۈش ۋە يېڭى پلاستىنكىسى ‹ئۈندەش بەلگىسى›دە يېڭى ئۇسلۇب ياراتقان.

ليۇ دېخۇا
كەسپى:ئارتىس، ناخشىچى
كىرىمى :96مىليون 500مىڭ يۈەن
باھالىنىش سەۋەبى:‹تاۋ ئاچا›ناملىق فىلىمدىكى قالتىس ئوبرازى شۇنداقلا ھەر قايسى چوڭ تىپتىكى ناخشا كېچىلىكىنىڭ زور ئالقىشقا ئېرىشىشى.

فەن بىڭبىڭ
كەسپى:ئارتىس
كىرىمى: 1مىليارد 90مىليون
باھالىنىش سەۋەبى:قىزىل گىلەم ئۈستىدىكى يارقىن نۇقتا، داڭلىق ئېلان ئوبراز ۋەكىلى، زور نام قازانغان.

ۋاڭ فېي
كەسپى:ناخشىچى
كىرىمى:1مىليارد 36مىليون 100مىڭ يۈەن
باھالىنىش سەۋەبى: ھەر قايسى ناخشا كېچىلىكىدە زور ئالقىشقا ئېرىشىپ دەھشەت نام قازانغان.

لىنا
كەسپى:تەنھەرىكەتچى
كىرىمى:1مىليارد 15مىليون 500مىڭ يۈەن
باھالاش سەۋەبى:دۆلەت ئىچى تور مۇنبىرىدىكى داڭلىق شەخس ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. سودا ئوبراز ۋەكىلى بارغانچە كۆپەيمەكتە.

جاۋ بېنشەن
كەسپى :ئارتىس
كىرىمى :1مىليارد 14مىليون 700مىڭ يۈەن
باھالاش سەۋەبى:ئۆز نامىدىكى ئاخبارات تارقىتىش شىركىتىنىڭ داڭ چىقارغانلىقى شۇنداقلا ھەر خىل تۇرمۇشقا يېقىن ئىتوتلارنى ئويناپ چىققانلىقى.

سەييىلىن
كەسپى:ناخشىچى
كىرىمى:83مىليون 200مىڭ يۈەن
باھالاش سەۋەبى:سەييارە ناخشا كېچىلىكى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. سودا پائالىيىتىمۇ ئىزچىل ئەۋج ئالغان.

چېڭلوڭ
كەسپى :ئارتىس
كىرىمى :96مىليون
باھالاش سەۋەبى:خەلقئاراغا تونۇلغان داڭلىق چولپان. كىنو-فىلىملەردىكى قالتىس ئوبرازى شۇنداقلا يۇقىرى قىممەتتىكى ئوبراز ۋەكىلى.

لىن جىلىڭ
كەسپى:ئارتىس، مودېل
كىرىمى:58مىليون 300مىڭ يۈەن
باھالاش سەۋەبى:نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان. سودا پائالىيىتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى. ئېلان ئوبراز ۋەكىلى خانىشى.