48 ياشلىق ھوللېۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى نىكولاس كىيج سومېرسېتتىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
نىكولاس سومېرسېتتىكى بىر داۋالاش ئورنىدىن چىقىۋاتقان بولۇپ قارىماققا ئۇنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن سولغۇن ئىدى. قارىماققا بەدىنىمۇ ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەندەك . چاچلىرىمۇ ئازلاپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ ئۇنىڭدا جۇشقۇن روھتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىيجنىڭ ھالىتى ئىزچىل ياخشى ئەمەس بولۇپ بىراق ئۇنىڭ ئايالىغا بولغان مۇھەببىتى قىلچىلىك ئۆزگەرمىگەن. بۇ كۈنى ئۇ دوختۇرخانىدىن ئاستاغىنا ئايرىلىپ ئايالىغا ھەمرا بولۇپ تاماققا بارماقچى بولغان.



