
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12- ئاۋغۇستتىكى تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ 11- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى 1- خانىم مىچېل تۆت يىل ئىلگىرى يولدىشىنىڭ سايلام ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىگە ئانچە كۆنەلمىگەنىدى، ئەمما تۆت يىل چېنىققاندىن كېيىن، مىچېل ھازىر ئوبامانىڭ ئەڭ چوڭ سايلام ياردەمچىسى بولۇپ قالدى.
مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى، مىچېل ۋيومىڭ، كولورادو، كالىفورنىيە شىتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بەش مەيدان ئىئانە جۇغلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ، «يولدىشىغا ۋاكالەتەن جەڭگە ئاتلىنىش» تىكى ئىزىنى بارغانسېرى كېڭەيتىدۇ. ئۆتكەن بىر ئايدا، مىچېل فلورىدا، نيۇيورك، پېنسىلۋانىيە، ئالاباما، ۋىرگىنىيە، شىمالىي كارولىنا، يېڭى خامپشىر ۋە ماسساچۇسېتس شتاتلىرىدىكى سايلىغۇچىلارنى يوقلىدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىئانە جۇغلاش يىغىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ۋيومىڭ شتاتىدىكى جىكسون غارى، دېنۋېر ۋە لوس ئانژېلىستا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مىچېل لوس ئانژېلىستا «بۈگۈن كەچ» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى جاي لېنونىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆمەك باشلاپ لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان چاغدىكى تەسىراتىنى چۈشەندۈردى، بۇ پروگرامما 13- ئاۋغۇست كۆرسىتىلىدۇ.
مىچېل سايلام ياردەم سەھنىسىدە ئەمدى يەنە خىجىل بولۇپ كەتمەيدىغان بولدى، 9- ئاينىڭ 4- كۈنى شارلوتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭمەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا، مىچېل ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولۇپ، ئوبامانى ئەر، ئاتا ۋە ئادەتتىكى ئادەم نۇقتىسىدا تۇرۇپ تونۇشتۇرىدۇ.
مىچېل بېتلېخېمدا پىدائىيلارغا مۇنداق دېدى: خىزمىتىڭلارنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. سايلام ياردەمچىسىلىك تەجرىبەمدىن قارىغاندا، سايلامغا ياردەم بېرىش تولىمۇ مۈشكۈل خىزمەت.
مېچىل مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن بۇ يەردە يىغىلىشىمىزىدىكى مەقسەت بىر تولىمۇ ئوماق، ئەقىللىق، مۇنەۋۋەر، قالتىس پرېزىدېنتنى قوللاش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇ مېنىڭ ئېرىم بولغاچقا، مەن بەكرەك يېقىن كۆرۈشۈم مۇمكىن، ئەمما ۋىجدانىم بويىچە گەپ قىلغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق.