ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
تېلۋىزۇر- بالىڭىزنىڭ جىسمانىيىتىنى بۇزمىسۇن!!!-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

تېلۋىزۇر- بالىڭىزنىڭ جىسمانىيىتىنى بۇزمىسۇن!!!

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 411   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 02-09-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 تېلۋىزور تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن ئومۇملىشىپ كەتتى، ئۇ تېخى ئۆيىمىزدىكى مېھمانخانىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. بەزى ئائىلىلەردە تىلۋىزۇر شۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەن تەڭ ئويغىنىدۇ. كېچىدە ئۇلارنىڭ ئۇخلىشى بىلەن خىزمەتتىن توختايدۇ. دېمەك ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى تىلۋىزور بىلەن ئۆتىدۇ. ھازىر تېلۋىزۇردىكى ئاز سانلىق تەربىيۋى ئەھمىيىتى بار پروگرامما ۋە خەۋەرلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندە كۆپ قىسمى تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى، كىنو فىلملەر ۋە ياكى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى پروگراممىلار.ھەتتا ئاتالمىش بالىلار پرگراممىسى ۋە بالىلار كارتونلىرىمۇ ساغلام ئەمەس. كۆپىنچە بالىلار كارتۇنلىرىدا قىز-يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىدىغان، ئېرىم -خوتۇنۇم دېگەندەك گەپلەر ئوچۇق ئاشكارا تەسۋىرلەنگەن.بەزى كارتۇنلاردا ۋە ياكى بالىلار كىنولىرىدا ئالاھىدە سېھرگە ئىگە بولغان بىر قىسىم ئادەملەر رەزىل كۈچلەرنى ۋە ياكى ئالۋاستىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالاھىدە سېھىرلىك كالتەكلىرى بار بولۇپ كالتەكنى شىلتىپ قويسا نۇر چېقىدۇ ۋە ياكى ئۆلگەنلەرنى ئاجايىپ سۇيۇقلۇقنى ئىچكۈزۈپ قويسا تېرىلىدۇ. دېگەندەك بالىلارنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇنلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار« بۇ مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن بولغاندىن كېيىن بالام كۆرسە ياخشى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايدۇ.» دەپ بالىلىرى جىم ئولتۇرۇپ كارتۇن كۆرۈپ بەرگەنگە خوش. بۇنىڭدىن باشقا كومپىيوتىر ۋە ئايپەدلەرنى بالىغا خالىغانچە تاشلاپ بېرىپ نېمە قىلۋاتقىنىنى ئانچە سۈرۈشتە قىلمايدۇ. ھازىر توردىكى نەرسىلەرمۇ شۇنداق ئاشكارا بولۇپ كەتتى. كومپىيوتىردا تۇيۇقسىز سەكرەپ چىقىپ قالىدىغان كۆزنەكتكى نەرسىلەرنىڭ شۇنچىلىك ئوچۇق-ئاشكارا، شۇنچىلىك بەدبەشىرە ، بۇنىڭغا چوڭلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسىمۇ زەھەرلىنىپ قالغۇدەك دەرىجىدە ھاياسىز.

بەزى ئائىلىدە قېين ئاتا- قېيىن ئانا، كېلىن ۋە نەۋرىلەر قاتار ئولتۇرۇشۇپ ھەرخىل كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي كۆرۈشىدۇ، نامازنىڭ ۋاقتى كېرگېنى بىلەنمۇ كارى يوق. بەزى كۆرۈنۈشلەر چىقىپ قالسا يۆتكەيدۇ،لېكن بۇچاغدا كېچىككەن بولىدۇ. شۇ كىنو-فىلىملەردە ھاياسىز كۆرۈنۈشلەر چىقمايدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىكى دىنىسزلارنىڭ ھەرخىل دۇنيا قارىشى خالاپ- خالىماي بارا-بارا كاللىمىزغا سېڭىدۇ. ئىشقىلىپ دەپ كەلسەم گەپ تولا.
يېقىندىن بېرى بەك ئىچىم سېقىلىپ كېتىپ بارىدۇ. خوشنىمىزنىڭ ئوغلى بىلەن مېنىڭ ئوغلۇم يەسلىدە بىر سىنپتا ئوقۇيدۇ، يەسلىدىن قايتقاندىمۇ ئۆيدە ئوينايتتى. بىر كۈنى ئۇ بالا بوۋاقلارنىڭ 魔法سى بار(سېھرى كۈچى بار دەپ تەرجىمە قىلسا بولامدۇ بولمامدۇ بىلمىدىم)ئۇ سېھىر بىلەن تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن چېقىدۇ، بەك قالتىس» دېدى. بۇ چاغدا مېنىڭ ئوغلۇم : «ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بوۋاقنى ئانىسىنىڭ قورسىقىغا سېلىپ قويىدۇ، ئاندىن ۋاقتى كەلگەندە تۇغۇل دېسە تۇغۇلىدۇ.» دېدى.بۇ ئىشتىن كېيىن بالىنى تېلۋىزۇرغا يېقىن كەلتۈمىسە بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ يۈرسەم يەنە بىر ئىش مېنى تېلۋىزورنى بايقۇت قىلىش بىلەنمۇ مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى. خېلى تەقۋا بىر قېرىندىشىم بارئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تېلۋىزور يوق ئىدى، ئەمما قىزىنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە قىلغان قىلىقى مېنى بەك ھەيران قالدۇردى. 7ياشلارغا كېرگەن بۇ قىز قولىغا بالامنىڭ بىر ئويۇنچۇقىنى ئېلىپ سېھىرلىك كالتەك دەپ بىر قىلقلارنى قېلىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قىلىقلىرى بۇلتۇرلاردا مودا بولغان«巴拉拉小魔仙»دېگەن بالىلار تىلۋىزىيە تىياتىرىدىكىگە ئوخشاش ئىدى. بۇنى نەدە يۈرۈپ ئۆگىنىۋالغاندۇ؟ بۇ ئىشتىن كېيىن مەن ئويلاپ قالدىم، تېلۋىزورنى بېراقلا چەكلەشمۇ ئۇنداق ياخشى ئۈنۈملۈك چارە ئەمەس ئىكەن. بالىلار مەكتەپلەردە ساۋاقداشلىرىدىن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارغانلاردا يەنە ئۆگىنىپ قالىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئاتا-ئانىلاردىن باشلاش كېرەككەن. بالىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ياخشى پروگرامما ۋە خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا بۇ پروگراممىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت مەزمۇنلار بار پروگرامما ۋە فىلىملەرنى تەرك ئېتىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق بالىلارغا بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىىنىسى ئۇرۇش تەخىرسىز بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. تېلۋىزۇرنىڭ بالىنىڭ ساپ ئەقىدە قوبۇل قىلىشىغا كۆرىسىتىدىغان يۇقارقىدەك تەسىرلىرىدىن باشقا يەنە بىر قورقۇنچلۇق يېرى ئۇ بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بىر ئانا قىزىنىڭ شىياڭگاڭ فىلىملىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقاپ خاپا قىلمىسىلا بولدىغۇ دەپ 4 يېشىدىن باشلاپ كۆرگىلى قويۇپتۇ. نەتىجىدە، 6ياشقا كېرگەندە قىزى ھەيز كۆرۈپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ئانا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپتۇ، دوختۇر بۇ قىزنىڭ بالدۇر يېتىلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى شۇ شىياڭگاڭ كىنو -فىلىملىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا بۇ ئانا ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان. بۇنىڭدىن سېرىت 10-12لاردىكى قىزلارنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكى، تولۇقسىزدىكى قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىق خەۋىرنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدۇق، ئاللاھ ساقلىسۇن، ھەربىر ئاڭلىغىنىمدا نەچچە كۈن پەرىشان بولىمەن، تېلۋىزوردىكى دوختۇرخانا ئېلانلىرىدىكى« تاسادىپى ھامىلدار بولۇپ قالسىڭىز، ئۈچ مىنۇتتا بىر تەرەپ قىلىپ، غەمدىن قۇتۇلدۇرىمىز .» دېگەن ئېلان سۆزلىرى ياش- ئۆسمۈرلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، يامان تەسىرلەرنى بېرىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭدىن سېرت بالىلارنىڭ تېلۋىزور ۋە كوپپىيوتىر كۆرۈش ۋاقتى ياخشى كونتىرول قىلىنمىسا بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتدۇ ۋە ياكى ئالغاي قېلىپ قويىدۇ.
مەن يېقىندىن بېرى تېلۋىزورنى ئاچماسلىق، خەۋەر ۋە ياكى ياخشى پروگراممىلار باشلانغاندا شۇنىلا كۆرۈپ بولۇپ ئۆچۈرۈش دېگەندەك ئۇسۇاللار بىلەر بالىلاردا انداق نەرسىلەرنى كۆرسە بولىدىغان،قانداق نەرسىلەرنى كۆرسە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئانچە مۇنچە ئۇقۇم ھاسېل قىلىدىم. لېكىن مەسىلە تەلتۆكۈس ھەل بولمىدى.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم