ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ئانىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتى بالىلارنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرستىدۇ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئانىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتى بالىلارنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرستىدۇ

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 117   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 11-12-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 

ئانىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتى بالىلارنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرستىدۇ

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» تور بىكىتىدە يېقىندا ئېلان قىلنغان «ئۆز تەقدىرىنى كونترول قىلىشقا ئىشەنچىسى بار ئانا بالىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: لوندون سىياسىي-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى ئىقتىسادىي ئۈنۈم مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، تەقدىرنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدىغان ئانا تەربىيەسىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولىدىكەن. نۇ يەكۈن نەچچە ئون مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇزاق مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان.
بۇ خىل تەتقىقات بىر تۈرلۈك ھالقىلىق مىجەز-خاراكتىر ئالاھىدىلىكى بولغان «پىسخىكىنى كونترول قىلىش مەنبەسى» نىڭ شەكىللىنىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.
پىسخولوخلار پىسخىكىنى كونترول قىلالايمەن، دەپ قارايدۇ، ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى تاش مىجەز كىشىلەر ھاياتنى پۈتۈنلەي تەقدىر بەلگىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ئىككى چەكنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتقا قاتناشقان ئالىم فىرانچېسكا كىرنالىيە: ئانىلارنىڭ پىسخىكىلىك ھالىتىنىڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەتقىقاتلاردا ناھايىتى ئېنىق ئىسپاتلاندى. ئائىلە شارائىتى، ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە بالىلارنىڭ پىسخىكىلىك كونترول قىلىش مەنبەسى قاتارلىقلاردىن بايقىشىمىزچە، ئىچكى پىسخىكىسىنى كونترول قىلىش مەنبەسى جەدىۋىلىدە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان %25 ئانىلار تۇغقان بالىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئارقىغا تىزىلغان %25 ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا %17 يۇقىرى بولىدۇ. دېگەن.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم