ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 515   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 02-09-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى

 
سىز بالىڭىزدا يېتىلدۈرمەكچى بولغان ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئېھتىمال بالىڭىزنىڭ ئەقىللىق بولۇشىدۇر. ھەممىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ئەقىللىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇڭلاشقا بىز ياخشى مەكتەپنى تاللاشقا ۋە تاللىغان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىز كۈتكەن يەردىن چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىمىز. ئەمما، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز بالىنىڭ دادىسى ياكى ئاپىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، كىتاب ئوقۇشنى بالىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى قىلىش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتەلەيسىز.
 
ئىلاۋە: ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە ھەر بىر ئائىلىلىكلەر رايونىدا ياشايدىغان بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتەپلىرى ئالدىن بېكىتىۋېتىلگەن بولۇپ، سىز ماۋۇ رايوندا ياشاپ، بالىڭىزنى يەنە بىر رايونغا تەۋە مەكتەپكە كىرگۈزەلمەيسىز. بۇ ئىش ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ، خۇسۇسىي مەكتەپلەرگە بۇنداق چەكلىمە قويۇلمايدۇ. ئەمما، خۇسۇسىي مەكتەپلەر خېلى يۇقىرى ئوقۇش پۇلى ئالىدۇ. ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى بولسا ھەقسىز ئوقۇتىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنى باشقا بىر رايوندىكى ياخشىراق مەكتەپكە بەرمەكچى بولسىڭىز، ئۆيىڭىزنى شۇ رايونغا كۆچۈرۈشىڭىز، ياكى ئاشۇ رايوندا بىر ياتاق ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇشىڭىز كېرەك. ئامېرىكىدا ئەنە شۇنداق قىلىدىغانلار خېلى كۆپ.
 
بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ بىر ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما سىز ئەمدىلا ئايىغى چىققان ياكى تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىتابنىڭ پايدىسىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلار ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى بىلەمسىز؟ سىز 2 ياشتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك مۇھىم پايدىلارغا ئېرىشەلەيسىز.
 
(1) ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا بىر كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىش. بالا يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئويناش، يۈگۈرۈش ۋە توختىماستىن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىش ئىشلىرى بىلەن ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ كېتىدۇ. بالىڭىز بىلەن بىللە يېتىپ، ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق، سىلەر ئىككىڭلار بارلىق ھەرىكەتتىن توختاپ، بالىڭىزنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى تاتلىقلىقى بىلەن ئۇنى باغرىڭىزغا باسقان ۋاقىتتا سىزگە ئېلىپ كەلگەن راھەتلىك پەيتلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز. بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بىر ۋەزىپە ئەمەس، ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرىدىغان بىر تەربىيىلەش جەريانىغا ئايلىنىدۇ.
 
(2) بالىنى مەكتەپتە ئەلا دەرىجىدە ئوقۇيدىغان قىلىش. يېڭى ماڭغان ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ بىر ئاساسىي پايدىسى ئاشۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى ئادەتتە ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەكتەپ يېشىغا توشۇشتىن بۇرۇن كىتاب بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بىر بالا سۆز ۋە جۈملىلەرنى قۇراشتۇرۇش جەھەتتە قىينالسا، ئۇنىڭ ئۆزىگە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ماتېماتىكا، تەبىئىي-پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئۇقۇملىرىنى ياخشى چۈشىنەلىشىمۇ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
 
(3) ئاساسىي سۆزلەش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈش. بالىلار يېڭى مېڭىشقا باشلاپ، مەكتەپ يېشىغا توشقۇچە ناھايىتى ھالقىلىق تىل ۋە تەلەپپۇز قىلىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ. بالىڭىز سىز ئوقۇپ بەرگەن كىتابنى ئاڭلاپ، تىلنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي ئاھاڭلارنى ئەستە قالدۇرىدۇ. يېڭىدىن ماڭغان بىر بالىنىڭ كىتابلارنى ۋاراقلاپ، يالغاندىن كىتاب ئوقۇشى ئۇنىڭ ساۋاتلىق بولۇشىدىن بۇرۇنقى بىر ئىنتايىن مۇھىم پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بالىڭىز بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆزلۈكىدىن تەلەپپۇز قىلىشقا باشلايدۇ.
 
(4) كىتاب ئوقۇشنىڭ ئاساسلىق ماھارىتىنى ئىگىلەش. بالىلار تېكىستلەرنىڭ سولدىن ئوڭغا ياكى ئوڭدىن سولغا ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان، ياكى كىتابتىكى سۆزلەر بىلەن رەسىملەرنىڭ ئۆز-ئارا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ھالدا تۇغۇلمايدۇ. بالىلاردا ئادەمدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاشۇنداق ماھارەتلەرنى ئۇلارغا كىچىك ۋاقتىدا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
 
(5) كۈچلۈك ئالاقىلىشىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش. يېڭىدىن ماڭغان بالىغا كىتاب ئوقۇپ بەرسىڭىز، ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى سۆز ئارقىلىق ياخشىراق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساغلام ئېلىپ بارالايدىغان بولىدۇ. سىز ئوقۇپ بەرگەن كىتابتىكى پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە دىققەت قىلىش، ھەمدە كىتاب ئوقۇش ۋاقتىدا سىز بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بالىڭىز ئىنتايىن قىممەتلىك ئالاقىلىشىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
 
ئىلاۋە: غەرب ئەللىرىدىكى مەكتەپ ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىر ئادەمنىڭ ئېغىزاكى ۋە يازما شەكىلدىكى «ئالاقىلىشىش ئىقتىدارلىرى» (communication skills) غا ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا غەرب ئەللىرىدە بۇ ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشنى بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا باشلايدۇ. ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئىچىدە كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشايدىغانلار ناھايىتى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇنداق ئىشقا ئىنتايىن ئۇستا كېلىدۇ. ھەمدە ئاشۇنداق كەسىپ بىلەن ناھايىتى ياخشى ياشايدۇ. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاقتىمدا، «ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى» دېگەن بىر ئۇقۇمنى ئۇچرىتىپ باققىنىم ئېسىمدە يوق. يەنى، ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، بۇنداق ئاجىزلىق توغرا سوئالنى سوراش، سوئالنى توغرا سوراش، ئۆز مەقسىتىنى توغرا ئىپادىلەش، ئۆز بىلىمىنى باشقىلارغا ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە نامايان بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى بىر سەۋەب، ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىتاب ئوقۇماسلىق ھازىرمۇ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئىنتايىن ئېغىر.
 
(6) تىلنى پىششىق ئىگىلەش. تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېڭى ماڭغان ۋاقىتتىن باشلاپ كىتاب بىلەن ھەپىلىشىش بالىلارنىڭ ناھايىتى پۇختا تىل ئاساسىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
 
(7) تېخىمۇ كۆپ لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئىگىلەش. كىچىك بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم پايدىسى، ئۇلاردا ئابستراكت ئۇقۇملارنى چۈشىنىش، ھەر خىل ئەھۋاللارغا قارىتا لوگىكىلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، سەۋەب بىلەن نەتىجىنى توغرا تونۇش، ۋە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ. بالىڭىز سىز ئوقۇپ بەرگەن ھېكايىنى ئۆز ئەتراپىدىكى دۇنيا بىلەن باغلىغاندا ئۇ باشقىچە ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ.
 
(8) يېڭى نەرسىلەرگە خۇش پېئىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياكى يېڭىلىقنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدىغان بولۇش. بالىڭىز ئۆسۈش جەريانىدىكى بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېقىنلاشقاندا، ياكى مەلۇم بىر بېسىمى ئېغىر ئىشقا يولۇققاندا، ئۇنىڭغا ئاشۇنداق ئەھۋاللارغا ماس كېلىدىغان ھېكايىدىن بىرنى ئوقۇپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭ ئاشۇنداق بىر ئۆتكەلدىن قىينالماي ئۆتۈپ كېتىشى كۆپ ئاسانغا توختايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بالىڭىز يەسلىگە كىرىش ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكايىدىن بىرنى ئوقۇپ بەرسىڭىز، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئاز جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.
 
(9) بىر ئىشقا زېھنىنى يىغىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىش. يېڭى ماڭغان بالىلار دەسلىپىدە كىتاب ئوقۇۋاتقاندا جىم ئولتۇرماسلىقى ياكى ھېكايىگە زېھنىنى يىغالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار بارا-بارا كىتاب ئوقۇۋاتقاندا زېھنىنى كىتابقا مەركەزلەشتۈرىدىغان بولىدۇ. كىتاب ئوقۇپ يېڭى چۈشەنچە ھاسىل قىلىش جەريانىدا ئۆز-ئۆزىنى ياخشىراق كونترول قىلىدىغان، زېھنىنى بىر ئىشقا ئۇزۇنراق يىغالايدىغان، ھەمدە ئەستە ياخشىراق قالدۇرالايدىغان قابىلىيەتلەرنىمۇ يېتىلدۈرىدۇ. بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بۇ ئىقتىدارلار ئۇنىڭ مەكتەپتە ئەلا دەرىجىدە ئوقۇشىغا ناھايىتى زور دەرىجىدە ياردەم قىلىدۇ.
 
(10) كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر ھۇزۇرلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش. يېڭى ماڭغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر تۈرلۈك ئادەم بېرىلىپ كېتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ بىر ۋەزىپە ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان قىلىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا كىتابنى كۆپ ئاڭلىغان بالىلار ۋىدىئو ئويۇنلىرى، تېلېۋىزور ۋە باشقا شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىغا قارىغاندا كىتاب ئوقۇشنى ياخشىراق كۆرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ.
 
كىتاب يېڭى ماڭغان ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا سانسىزلىغان جەھەتتە پايدا يەتكۈزۈش كۈچىگە ئىگە. ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن كىچىك بالىسىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىسىنى مەكتەپلەردە ئەلا دەرىجىدە ئوقۇيدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم