ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
قانداق ئاياللار ئاسانلا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالايدۇ؟-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

قانداق ئاياللار ئاسانلا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالايدۇ؟

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 2762   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 12-05-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 

1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى ئاياللار. ئوغۇل بالىغا ھامىلدار بولغان ئاياللار. ئوغۇل بالىغا ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ قىز بالىغا ھامىلدار بولغان ئاياللارغا قارىغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئوغۇل بالىغا ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى نەتىجىسى قىز بالىغا ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن. 2. كىچىكىپ ھامىلدار بولغان ئاياللار. تەتقىقاتچىلار 5283 ئايال ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ھامىلدار بولغان 498 ئايال ئىچىدىكى %58ىنىڭ ئوغۇل تۇغقانلىقىنى بايقىغان. قالغان بىر يىلغا توشماي ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغان. 3. ئېرى دائىم يىنىدا بولغان ئاياللار. ئايال ھامىلدار مەزگىلىدە ئېرى ئۇنىڭدىن ئايرىلمىسا، بۇنداق ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ھامىلىنىڭ جىنس پەرقىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 4. ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى دانلىق زىرائەتنى كۆپ يېگەن ئاياللار. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدار مەزگىلىدە ناشتىلىققا قوناق ۋە ئارپا قاتارلىق دانلىق زىرائەتنى ئاساسلىق يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلغان ئاياللار ئىچىدىكى %59 ى ئوغۇل تۇغقان. باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان ھامىلدارلار ئىچىدىكى %43ى ئوغۇل تۇغقان. 5. ئالغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈك ئاياللار. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە ئاياللارنىڭ مۇلايىم ئاياللارغا قارىغاندا ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. 6. باي ئاياللار. تۇرمۇش سەۋىيەسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش مۇمكىنچىلىقى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە ئائىلە شارائىتى ناچارراق، سالامەتلىكى ناچارراق ئاياللار كۆپىنچە قىز تۇغىدىكەن. 7. تاماقنى كۆپ يەيدىغان ئاياللار. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تاماقنى كۆپ يېگەن ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئوغۇلغا ھامىلدار بولغان ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدىنىدىكى %10 كالورىيە ۋە %80 ئاقسىل خورىغاچقا، قۇرسىقى ئېچىپلا تۇرىدىكەن. ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى


ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم