ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
بالىلاردىكى قىزىل-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

بالىلاردىكى قىزىل

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1057   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 16-03-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 بۇ قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپرەك تارقىلىدىغان، ئەسۋە چىقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ھەرقانداق كىشى ئۆمرىدە بىر قېتىم بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىيدۇ. ئادەتتە ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. 

سەۋەبى: 
قىزىل بىلەن ئاغرىغان بالا سۆزلەش، چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش، تۈكۈرۈكنى چاچرىتىش ئارقىلىق كېسەللىك جاراسىملىرىنى باشقىلارغا يۇقتۇرىدۇ. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىمۇ بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. 
ئالامىتى:
يوشۇرۇن دەۋرىنىڭ 8-كۈنلىرىگە كەلگەندە بالىنىڭ كۆز جىيەكلىرى قىزىرىدۇ. ئىشتىھاسى ئازىيىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ. باشلىنىش دەۋرىدە قاپاقلىرى ئىششىش، تىترەش، قىزىش، جۇغ-جۇغ بولۇش، باش ئاغرىش بىلەن بىرگە قىزىتما ئۆرلەپ بىئارام بولۇپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ. ئەسۋە تەدرىجىي ئومۇمىي بەدەنگە تارقايدۇ، چۈشكۈرۈش بىلەن بىرگە بۇرنىدىن سۇ ئاقىدۇ. 
كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىش دەۋرىدە قىزىتما داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، ئېمەلمەيدۇ، قىزىل ئەسۋىلىرى بىرلىشىپ ئاي شەكلىدە قاپارتما پەيدا بولىدۇ. قاپارمىىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرەيدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ. بالىنىڭ لەۋلىرى كۆكىرىپ، تىلىنى قارا گەز باغلايدۇ. سۈيدۈكى قويۇق، قىزىل كېلىدۇ، يۆتەل ۋە ئۆپكە ئىششىقى بىرگە كۆرۈلىدۇ. 
كېسەللىكنىڭ ئەسلىگە كېلىش دەۋرىدە قىزىتمىسى، ئىشتىھاسى ۋە روھىي ھالەتلىرى تەدرىجىي نورماللىشىدۇ، ئەسۋە قىچىشىدۇ ۋە قاقاچ بولۇپ تۆكۈلىدۇ. 
داۋاسى: 
كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە قىزىتمىنى پەسەيتىپ قىزىلنى سىرتقا تەپتۈرگۈچى دورىلار ئاندىن كېيىن ئىشتىھانى ئاچىدىغان، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلايدىغان، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. ئەينۇلا، تەمرىھىندى، گۈلبىنەبشە، نېلۇپەر، كۆك ئۈزۈم، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، چىلان قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ چايلىق قىلىپ بەرسە قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ. ئەگەر قىزىل سىرتقا تېپىپ چىقمىسا، ئەرقى چىلان ياكى چىلان قاينىتىلمىسىغا قومۇش يىلتىزى، كۆك كىشمىش ئۈزۈمنى چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ قىزىق ھالەتتە ئىچكۈزۈلىدۇ، بۇ مەنپەئەت قىلمىسا يۇمغاقسۈتتىن 30 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى بالىنىڭ بەدىنىگە سۈركىسە تېز مەنپەئەت قىلىدۇ. قەۋزىيەت بولۇپ قالسا ئوسمىدىن 15 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، شېكەر قوشۇپ بېرىلدۇ ياكى قارا كۈنجۈتتتىن بىر پىيالىنى قورۇپ، لاتىغا يۆگەپ، بالىنىڭ پۈتۈن ئەزاسىغا سۈركىسە قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ. بالىنىڭ نەپىسى قىستاپ، يۆتىلىپ بىئارام بولسا يۇلغۇننىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈلىدۇ. گالدا ئىششىق ياكى مۇدۇر بولسا گۈلبىنەپشە، شاتۇت، شوخلا قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن ئۈچ گىرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچكۈزۈلىدۇ ياكى ئېغىز چايقىلىدۇ. 
مۇرەككەپ دورىلاردىن خېمىرى مەرۋايىت، ئەرقى گۈل، ئەرقى گاۋزىبان، ئەرقى سەندەل قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ بېرىلدۇ. 
بىمارغا يېشىل ماش، ھۆل قاپاق، تەرخەمەك قاتارلىقلار سېلىنغان سۇيۇق سەلەڭ تائاملار، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلدۇ. قورۇغان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. ئكي ھاۋاسى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. تازىلىق ۋە يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ. سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىدۇ. 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم