ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
بالىنى تىنچلاندۇرالايدىغان تەدبىرلەر-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

بالىنى تىنچلاندۇرالايدىغان تەدبىرلەر

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 434   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 31-08-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

بالىنى تىنچلاندۇرالايدىغان تەدبىرلەر

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

بالىلار ناتونۇش جايلارغا بارغاندا، تۇرمۇش رېتىمىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە، خۇشال بولغاندا ھاياجانلىنىپ قاتتىق ۋارقىراپ غەلۋە قىلىدۇ،  كېچىسىمۇ ئۇخلىغىلى ئۇنىمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋاللار ئاتا-ئانىلارنى ئىنتايىن قىينايدۇ. يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنى تىنچلاندۇرغۇلى بولىدىغان بىرنەچچە خىل تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئاتا ئانىلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولىدۇ. 
بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش. بالىنى كارىدۇرىدا، ئۇ ئۆي بۇ ئ‍ۆي ئارىسىدا ماڭغۇزسا، پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈرسە، بۇنىڭدىن سىرت، ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ سەكرەتسە ياكى ماڭغۇزۇپ بەرگەندە بالىنىڭ زېھنىنى خوراتقىلى بولىدۇ. 
لەيلەۋاتقان نەرسىلەرگە قارىتىش. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەلۇم نەرسىگە قاراشنىڭ  تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى بولىدۇ، سۇدا لەيلەۋاتقان ئويۇنچۇق ئۆردەك، ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن مازغاپ قاتارلىقلارغا قارىتىش،  لەيلەۋاتقان نەرسىلەرگە بىردەم قارىغاندا ھاياجانلىنىپ كەتكەن نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرغۇلى بولىدۇ. 
قول-ھۈنەر ئويۇنلىرى ئويناش. قول بارماقلىرى ھەرىكەتلەندۈرگەندە، روھىي بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، يەنى بۇلۇت پارچىسى، رېزىنكە توپنى چىمداپ بەرسىمۇ  بولىدۇ.
 رەسىم سىزىش. رەسىم سىزغاندا پۈتۈن دىققەت مەركەزلىشىدۇ، كەيپىيات ئىنتايىن ئوڭاي تېنىچلىنىدۇ. 
يېنىك مۇزىكا ئاڭلاش. يېنىك مۇزىكا روھىي ھالەتنى يېنىكلىتىدۇ، يەنە ھېكايە ياكى رادىئ،و يېقىملىق ئاۋاز قاتارلىقلارمۇ بالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىپ تېنىچلاندۇرىدۇ. 
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم