ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
بالىلار چۈشتە ياخشى ئۇخلىغاندا ...-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

بالىلار چۈشتە ياخشى ئۇخلىغاندا ...

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 466   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 08-07-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلاردا چۈشتە ئۇخلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە، ئۇنىڭ بالىلارنىڭ تەشۋىشلىنىش ۋە روھسىزلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدىكەن.
    چۈشتە ئۇخلاش چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى قىسقا دەم ئېلىش بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتى ئادەتتە 30 مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار تۆت، بەش ياشقا كىرگەن بىر توپ بالىنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر گۇرۇپپىدىكى بالىلارنى چۈشتە ئۇخلاتقان، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى بالىلارنى پۈتۈن كۈن ئۇخلاتمىغان. نەتىجىدە، چۈشتە ئۇخلىمىغان بالىلاردا كۆپ ھەرىكەت قىلىش، تەشۋىشلىنىش ۋە روھسىزلىق ئالامىتى كۆرۈلگەن.
    بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى كىروسبى: ئەگەر بالىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولسۇن دېسەك، چۈشلۈك ئۇيقىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك، شۇڭا ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، دېدى.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم