گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى مەن قىش پەسلىگە قەۋەتلا ئامراق، ئاددىيلا بىر سەۋەبنى ئېيتسام، قىشلىق كىيىملىرىمنى ياقتۇرىمەن. بەك ئوچۇق كىيىملەرنى ياقتۇرمىغانلىقىمدىنمىكىنتاڭ، يازدىمۇ يېڭى قىسقا كىيەلمىگەندىكىن، قىزىپ تەرلەپ پىشىپ ئاران كۈزگە ئۇلىشىمەن. تۇنجى قار ياغقان كۈنى مېنىڭ ساختا تۇغۇلغان كۈنۈم. چۈنكى ئەينى يىلىمۇ دەل قار ياغقان كۈنى تۇغۇلۇپتىكەنمەن. شۇڭا قارغا ئىختىيارسىز مەيلىم بار. ھەريىلى تۇنجى قار ياغقاندا، ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىگەندەك ھېس قىلىمەن. ***************************************************************** ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرمىگۈچە مۇھەببەتلەشمەيمەن! بۇ مېنىڭ ئۆزۈمگە بەرگەن ۋەدەم، ھەم تۇتقان پىرىنسىپىمنىڭ بىرى! ئىمتىھاننى تەلەيگىمۇ باغلىق دېيىشكە بولىدۇ جۇمۇ، ئەمەلىيەتتە شۇنداق ياخشى ئوقۇغانىدىم بولمىسا، ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرۇپ، ئادەتتىكىلا بىر ئالىي مەكتەپكە بېرىپ قالدىم، قايتىلاپ ئوقۇ، دېسە جاھىللىق قىلىپ، ئۇنىمىغان گۇناھ ئۆزۈمدە. مەكتەپكە كىرىپلا شۇنداق پۇشايمان قىلغانىدىم، شۇنچە يىل ياخشى ئوقۇپ، كېلىپ قالغان مەكتىپىم مۇشۇمۇ ئەمدى؟ ئالىي مەكتەپنى شۇ چۈشلىرىمدىكىدەك، خىياللىرىمدىكىدەك ئوقۇش ھەم ئۆگىنىش ھەلەكچىلىكىدە تاماق يەيدىغانمۇ ۋاقىت يوق دەپ ئويلايتتىم. ئەپسۇس، بەزى كۈنلىرى دەرس يوق، دەپ قويۇۋەتسە، قەيەرگە بېرىشىمنى ئۇقماي قالىمەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چ چ غا ئوبدانلا كۆنۈپ قالدىم. مەكتەپنىڭ كومپىيۇتېرخانىسىدا سائەت سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. ئاۋازلىق ئەسەر ئاڭلاپ، ياكى مۇنبەردىكى تېمىلارنى كۆرۈپ دېگەندەك. بىر كۈنى چ چ نى ئېچىپ بولۇپلا، مۇنبەرگە كىرىپ قىزىقىپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان بىر تېمىنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم. بىر چاغدا، چ چ لەپىلدىدى. قارىسام، بىرەيلەن قوشماقچىكەن، كىمدۇ بۇ؟ ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلاپ، باشتا باش سۈرىتىگە ئاندىن ئىسمىغا قارىدىم-دە، ھە ئوغۇل بالىكەندە دەپ قوشۇۋالدىم. ھى ھى، قىز بالا شەيتان... پارىڭىزمىز باشلىنىپ كەتتى: - ياخشىمۇ سۈزۈك ئايىم! - كىمۇ؟ - مەنمۇ ياخشى،،، ھى ھى (كۈلگەن چىراي ئىپادىسى) - سىزدىن سورىدىمما؟ (ئالايغان چىراي ئىپادىسى) - دەپ قويدۇم ئەمدى... نېمىش قىۋاتىسىز؟ - سىز كىم؟ - بۈگۈن دەرس يوقما؟ - سىز كىم دېدىم؟! (ئاچچىقلانغان چىراي ئىپادىسى) - ۋاي ۋۇي، نېمدا ئاچچىقىڭىز يامان؟ - خوش، ئەمسە! - ۋاي توختاڭ! مەن دەي! - .... - مەن سىزنى تونۇيمەن، سىز مېنى تونۇمايسىز. - ھە... - مەكتەپكە تۇنجى كەلگەن كۈنۈم، ئاپتوبۇسقا دادام بىلەن بىللە چىققان، سىز شۇنداق تېزلىك بىلەن دادامنىڭ قولىدىكى سومكىنى ئېلىپ، يۆلەپ ئەچىقىپ، ئورنىڭىزغا ئولتۇردىڭىز، مەن شۇ بىر قاراشتىلا سىزگە مەپتۇن بولۇپ قالغان. - ...(تەرلىگەن چىراي ئىپادىسى) - داداممۇ سىزنى بەكلا ماختاپ كەتتى... راست دەۋاتىمەن جۇمۇ! - ۋاقتىم توشتى، مەن چۈشتۈم! خوش! - توختاڭ! - يەنە نېمە؟ - قەتئىي قىزىقمامسىز؟ - مېنى قانداق قوشتىڭىز؟ كىم دەپبەردى؟ - مەن كەينىڭىزگە كىرگىلى نەچچە كۈن بولدى. بايا، كەينىڭىزدە تۇرسام، چ چ نومۇرىڭىزنى كىرگۈزدىڭىز، تېزلىكتە يادلىۋالدىم. ھى ھى ... - توۋا! خوش! ........ شۇندىن بۇيان، كۈندە ئالدى كەينىمگە بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، ئوغۇللارنى كۆرسەملا، ئاۋۇ شۇمىدۇ؟ ماۋۇ شۇمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ، ئۇ كۈنى ئاپتوبۇستىكى داداش ئېسىمدە، ئوغلى بارلىقى ئېسىمدە قەتئىي يوق جۇمۇ.... كېلىشكەن بالىلارنى كۆرسەم، مۇشۇ بولۇپ قالسىدى، دەپ ئويلىسام، مۇنداقراق تەلىپىمگە چۈشمەيدىغان بالىلارنى كۆرسەم، توۋا، خۇدايىم ساقلىسۇن، شۇ بولۇپ قالمىغىدى، دەپ كېتەتتىم. ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك، نەچچە كۈن شۇنداق يۈردۈم. چ چ غا چىقساملا قالدۇرۇپ قويغان خېتىنى كۆرەتتىم-يۇ، خەت قايتۇرمايتتىم. يا بىر چ چ بوشلۇقىدا ئۆزىنىڭ سۈرەتلىرىمۇ يوقكەن بۇ بالىنىڭ! تۇنجى قار ياغقان كۈنى، مەن خۇشال بولغىنىمدىن، ئەتتىگەندىلا مەيدانغا چىقىۋالدىم. يېڭى چۈشكەن ئاپئاق قارلار يەرگە چۈشە چۈشمەيلا ئېرىپ كېتىۋاتاتتى. قولۇمنى سوزۇپ، خۇددى قارنى تۇتالايدىغاندەك تۇرۇپ كەتتىم. قانچىلىك ۋاقىت تۇردۇمكىن، داۋاملىق ئاغزىم ئېچىلىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئاغزىممۇ قۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. - ئاغزىڭىزنى يۇمۇپراق يۈرۈڭ، كىچىك ئاغزىنى قاچانلا بولسا ئېچىۋاپلا يۈرگەن! «ۋاي توۋا، بۇ كىمدۇ ئەمدى؟» كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام، ھېچكىم يوق؟ يەردىن ئۈنگەندەكلا بىرى يېنىمدىلا پەيدا بولدى. مەن قولۇمنى تېزدىن چۈشۈرۈپ، ئاغزىمنى يۇمدۇم-دە، كەينىمگە قاراپ، ماڭدىم. - ۋاي ۋۇي، كىملىكىمنى بىلىۋالغاندەكلا قاچتىڭىزغۇ؟ قەدىمىم توختاپ قالدى، مۇشۇ شۇمىكىنە؟ خېلى بوپ قالامدۇ نېمە؟ ئارقامغا ئۆرۈلۈپ بېشىمنى يانتۇ قىلىپ، كۆزەتتىم. ئۇ ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇراتتى. ئۆزىچە شۇنداق ئۆزىگە ئىشەنگەن قىياپەتتە تېخى. تۇنجى قار ياغقان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! ئۇ ماڭا بىر شارپا سوۋغا قىلدى. بىراق مەن قوبۇل قىلمىدىم. ھەقىقىي تۇغۇلغان كۈنۈمگىمۇ ئاز قالغان ۋاقىت بولغاچقا، ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، كۈلۈپ قويۇپلا، كېتىپ قالدى. تۇغۇلغان كۈنۈم سەھەردە، مەكتەپ رادىئوسىدا ئاڭلانغان تۇغۇلغان كۈنۈڭ ناملىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئورۇندىغان ناخشىسى مەكتەپ قوروسى، ياتاق ۋە سىنىپلارنى بىر ئالدى. ناخشا ئارىسىدا، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: «مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك ھەم قەدىرلىك بولغان سۈزۈك ئايىم! تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! سىزنى قىزلار ياتاق بىناسى ئالدىدا ساقلايمەن!» ياتاقتىكى قىزلار كىمنى دەۋاتقاندۇ دەپ بىر بىرىگە قاراشتى. نېمىدېگەن بەختلىك قىز ئۇ دەپ مەستلىكى كەلدى. مەن بولسام، ئىچىمدە لىق ھاياجان، ئۆزۈم ئامراق كورىيە پاسوندا ياسىنىپ، ياتاقتىن باشقا قىزلاردىن بالدۇرراق چىقتىم. كورپۇس ئىشىكىنى ئېچىشىمغا كۆز ئالدىمدا بىر دەستە ئوتقاشتەك قىپقىزىل ئەتتىرگۈل تۇراتتى. شۇنچىلىك خۇشال بولدۇمكى، ھاياجىنىمنى تەسۋىرلىگۈدەك تىل تاپالمىدىم. ئۇ مېنى شۇنداق رومانتىك قوغلاشتىكى، بىر يىلمۇ ئەمەس، ئۈچ يىل قوغلاشتى. مېنىڭ پىرىنسىپىمغا ئۇنىمۇ كۆندۈرىۋەتتىم ھېسابتا. ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغا چىققانمۇ بولدۇق، مەن مۇھەببەت بوسۇغىسىغا تۇنجى قەدەمنى قويدۇم. گەرچە ئوقۇغان مەكتىپىمىز ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، ئىككىلىمىز مەكتەپنىڭ ئالدى ئىدۇق. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىككىمىزدىن ئاشمايتتى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇندۇق، مانا ھازىر ئۆرلەپ ئوقۇۋاتىمىز. ھەم ئۆيدىكىلەرنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، توي قىلىشقىمۇ تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. ماڭا بەخت تىلەيدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن! ھەم سىلەرگىمۇ بەخت تىلەيمەن ئەلۋەتتە!