ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
يىگىتلەر قىزلارنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

يىگىتلەر قىزلارنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 5185   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 31-08-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

مۇھەببىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشنى ئويلىسىڭىز،  ياخشى كۆرگەن قىزنى كىنو غا تەكلىپ قىلماستىنكەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىڭ. تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىكنىڭ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، قىزلارغا بولغان ئ‍ۈنۈمىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى بولىدىكەن. قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتا، ئۇلارنىڭ ئامراق يېمەكلىكلىكىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ "ئىشتىھا" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،ئالىي مەكتەپ يېشىدىكى قىزلارنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن مۇھەببەتنىڭ سىگىنالىنى قوبۇل قىلىش ئىنكاسى بىر قەدەر ياخشى بولىدىكەن. 

تەتقىقاتچىلار قىزلارنى بىر مەزگىل تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئورۇقلاش ئۈچۈن تاماقنى ئاز يەيدىغان قىزلار ۋە ئۈچ ۋاق تاماقنى نورمال يەيدىغان قىزلارنى كۆزەتكەن، ئۇلارنىڭ شاكىلات، تورت قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە بولغان ئامراقلىقى دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدىكەن.

قىزلارنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن ئوتتۇرا نېرۋىسىنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا،كۆرۈش سېزىمى ئېشىپ، يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدىكەن، بىراق ئورۇقلاۋاتقان قىزلاردا بۇنچە كۆپ ئىنكاس بولمايدىكەن. 

 دېمەك، قورسىقى تويغان قىزلارنىڭ يېمەكلىكتىن باشقا شەيئىلەرگە ئىشلارغا بولغان تەييارلىقى، سەزگۈرلۈكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. 


ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم