
قىز- يىگىتلەر ئارىسىدا ساپ دوستلۇق بولامدۇ - يوق؟ تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەيلى بويتاق بولسۇن - بولمىسۇن، يىگىتلەرنىڭ يات جىنسلار بىلەن بولغان دوستلۇقى «جىنسىي جەلپكارلىق» ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدىكەن. ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا، قىزلارنىڭ كۆپ قىسمى يات جىنسلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى «ئەپلاتۇنچە مۇناسىۋەت» ئۈستىگە قۇرۇلغان، دەپ قاراپ، قەلب ئالاقىسىگە بەكرەك ئېتىبار بېرىدىكەن.
ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى 88 جۈپ قىز- يىگىتنى بىر قىسىم دوستلۇق توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. نەتىجىدە، يىگىتلەر بويتاق بولسۇن، بولمىسۇن، ھەممىسى قىز دوستلىرىنىڭ جەلپكار بولۇشىنى، پۇرسەت بولسا ئۇلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى ، يىگىتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىزلار بويتاق بولسۇن- بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن.
قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارىشىچە، يات جىنسلار بىلەن بولغان دوستلۇقتا قەلب ئالاقىسى مۇھىم ئىكەن، ئۇلار پەقەت ھېسسىيات تۇرمۇشىدا كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا، يات جىنسلىق دوستىدىن تەسەللى ئىزدەيدىكەن.
تەتقىقاتچىلار يەنە 140 ئوتتۇرا ياش ئەر - ئايالنى ئوخشاش تۈردە سىناققا قاتناشتۇرغان. نەتىجىدە، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا نىسبەتەن، يات جىنسلىق دوستىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. لېكىن ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر يەنىلا ئايال دوستلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، دەپ قارايدىكەن.