مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىم پەقەت سەن، سېنىڭ كەمچىلىكىڭ، سىېنىڭ خاتالىقىڭ، سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ، سېنىڭ كۈلۈشلىرىڭ، چاقچاقلىرىڭ، مەسخىرە قىلىشلىرىڭ. سېنىڭ بارلىقىڭ، مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىم پەقەت سەن.
باشقىلارنىڭ خەرىتىسىنى ئېلىۋىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى ئىزدىمەڭ.
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنى سۆيۈڭ، قەدىرلەشنى بىلمەيدىغانلارنى ئۇنتۇڭ.
تۇرمۇشتا، بىزنىڭ مەخپىيەتلىكىمىز، پۇشايمانلىرىمىز، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز، ھەمدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان مۇھەببىتىمىز بولىدۇ.
ئەپۇ قىلماق ئوڭاي، لېكىن قايتا ئىشىنىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس.
بەزىدە، سۈكۈت ھەممىدىن ئەلادۇر
ھاياتتىكى ئەڭ ياخشى ئىش سىزنىڭ ھەممە ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە كەمچىلىكلىرىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سىزنى ئەڭ قالتىس ھېساپلايدىغان ئادەمنى تېپىشتۇر.
شۇ پەيتتە، سىز ئۆيىڭىزدە ئۈنسىز يىغلىدىڭىز، ئاندىن ھېچكىمنىڭ سىزنىڭ قانچىلىك ئازابلانغىنىڭىزنى چۈشەنمەيدىغانلىقى ھېس قىلدىڭىز.
بىر ئادەم قانچىلىك قەيسەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم بىر ئادەم ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدۇر.