بۇرۇن بىر دوستۇم بىلەن بەك يېقىن ئۆتەتتۇق. بىر قېتىم بىز سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ يېنىغا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئۇ قولىغا ئازراق سۇنى ئېلىپ، مېنىڭ ئالدىمغا ئەكىلىپ، ماڭا:« سىز بۇ قولۇمدىكى سۇنى تەپسىلىي كۆزىتىپ باققانمۇ؟ ئۇ مۇھەببەتكە ئوخشايدۇ. سىز مېھرىڭىز بىلەن قولىڭىزنى ئېگىپ، ئۇنى ساقلىيالىسىڭىز ئۇ مەڭگۈ سىزنىڭ قولىڭىزدا. لېكىن سىز قولىڭىزنى مەھكەم يۇمۇپ ئۇنى ئىگىلىۋالماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇ چوقۇم بارماقلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىن سىرغىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ مۇھەببەتلەشكەندە سادىر قىلىدىغان ئەڭ چوڭ خاتالىقى. ئۇلار ئۇنى ئىگىلىۋالماقچى بولىدۇ، ئۇلار شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىنتىزار بولىدۇ. بىراق مۇھەببەت قولىڭىزدىكى سۇغا ئوخشاش يېنىڭىزدىن كېتىپ قالىدۇ.»دېگەن.
توغرا، مۇھەببەت ئەسلىدىنلا ئەركىن، ئۆز مەيلىچە بولىدۇ، سىز ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيسىز.
ئەگەر سىزنىڭ سۆيگىنىڭىز بولسا ئۇلارنىڭ خالىغانچە ئەركىن يېنىڭىزدا يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىڭ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى ئاتاڭ، بىراق ئۇنىڭدىن ھېچنىمىنى كۈتمەڭ. ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىڭ، بۇيرۇق قىلماڭ. ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈڭ، تەلەپ قىلماڭ.بۇلار ئاڭلاشقا شۇنچىلىك ئاسان بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرماق ئۇنچىلىك ئوڭاي ئەمەس. بۇنى ھەقىقي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىز چوقۇم سىز سۆيىدىغانلار ئۈچۈن شەرتسىز ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ، بىراق، ئۇلارنى ھېچنىمىنى تەلەپ قىلماڭ.