ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
مۇھەببەت ۋە ۋاقىت-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

مۇھەببەت ۋە ۋاقىت

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 3811   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 13-07-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 جونۋېلسون

   بۇرۇن بىر كىچىك ئارالغا بەخت، ھەسرەت، مۇھەببەت ۋە ھېسسىيات ماكانلاشقان ئىكەن.
   بىر كۈنى ھېسسىياتلار ئارالنىڭ چۆكۈپ كېتىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا كېمە تەييارلاپ، ئارالدىن ئايرىلماقچى بوپتۇ.
   مۇھەببەت ئارالدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قېپقاپتۇ. ئارال چۆكۈپ كېتىشكە ئاز قالغاندا مۇھەببەت نائىلاج قوشنىلىرىدىن ياردەم سوراپتۇ.
   ئاچكۆز ھەشەمەتلىك كېمىسىنى ھەيدەپ مۇھەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ.
   ـ ئاچكۆز، مېنى ئېلىۋالساڭ قانداق؟ دەپتۇ مۇھەببەت ئۇنىڭدىن.
   ـ بولمايدۇ، كېمەمدە نۇرغۇن ئالتۇن – كۈمۈش بار، سەن تۇرغىدەك ئورۇن يوق، دەپتۇ ئاچكۆز.
   ئارقىدىن شۆھرەتپەرەسمۇ ھەشەمەتلىك كېمىسىنى ھەيدەپ مۇھەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ.
   ـ شۆھرەتپەرەس، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالغىن!
   ـ مەن ساڭا ياردەم قىلالمايمەن، سەن ھەمىشە ياش تۆكۈپ كېمەمنى مەينەت قىلىۋېتىسەن، دەپتۇ شۆھرەتپەرەس.
   بۇ چاغدا ھەسرەت مۇھەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ.
   ـ ھەسرەت، مەن سەن بىلەن مېڭىۋالاي، دەپتۇ مۇھەببەت.
   ـ ھەي......مەن شۇنچە ھەسرەت چېكىۋاتسام، سېنىڭ ھالىڭدىن قانداق خەۋەر ئالالايمەن، دەپتۇ ھەسرەت قايغۇرغان ھالدا.
   بەخىتمۇ مۇھەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ، ئەمما ئۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتكەچكە، مۇھەببەتنىڭ ئۇنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىماپتۇ.
   ـ كەلگىن مۇھەببەت، مەن سېنى ئالغاچ كېتەي، دەپتۇ توساتتىن بىر ناتونۇش مويسىپىت. ئاللىبۇرۇن ئۈمىدسىزلەنگەن مۇھەببەت خۇشاللىقىنى ئىچىگە پاتقۇزالمىغان ھالدا كېمىگە چىقىپتۇ، خۇشاللىقىدىن ھەتتا مويسىپىتنىڭ ئىسمىنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئۇلار قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلگەندە مۇھەببەت مويسىپىتقا رەھمەت ئېيتىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، مويسىپىت تۇيۇقسىز غايىب بوپتۇ.
   ـ ماڭا ياردەم قىلغان كىم؟ سوراپتۇ مۇھەببەت قوشنىلىرىدىن.
   ـ ۋاقىت، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بىرەيلەن.
   ـ ۋاقىت؟ ۋاقىت ئاقساقال ئارالدا تۇرمىسا، نېمە ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلىدۇ؟ ھەيران قاپتۇ مۇھەببەت.
   ـ چۈنكى، پەقەت ۋاقىتلا سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭنى چۈشىنەلەيدۇ،دېگەن بىر ئاۋاز قىرغاق بويلاپ جاراڭلاپتۇ.
نىجات ئىبراھىم تەرجىمىسى

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم