ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
قىز-يىگىت مۇناسىۋىتىدىكى غەلىتە قانۇنىيەتلەر-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

قىز-يىگىت مۇناسىۋىتىدىكى غەلىتە قانۇنىيەتلەر

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 9364   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 10-11-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:

 

مۇھەببەت دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسسىز ھېسسىيات ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكى غەلىتە ئەھۋاللارنىڭ رېئاللىقتىكى پاكىتى بولمىسا، كىشىلەر بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن.
1.تويدىن ئىلگىرى قانچە كۆپ پۇل خەجلەنسە، تويدىن كېيىن ھېسسىيات شۇنچە سۇس بولىدۇ، ئاياللار ئەرلىرىنىڭ مەردلىكىنى تويدىن ئىلگىرىكى مۇھەببەت ئۆلچىمى دەپ قارايدۇ، ئەرلەر بولسا خەجلىگەن شۇ پۇلىنى تويدىن كېيىنكى نەپنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ.
2.ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز يىگىت مۇھەببىتىنىڭ «ئەزرائىلى»  ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كۆپىنچە قىز يىگىت شۇ بايرامدىن كېيىن بىر بىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچەلمەي ئايرىلىپ كېتىدۇ.
3.ئانىسىنىڭ گېپىنى زىيادە ئاڭلايدىغان قىزلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، ئاتا ئانىلارنىڭ قىسمەن پىكرى ياش ئەر خوتۇنلار نىكاھىنىڭ قاتىلى ھېسابلىنىدۇ.
4.ھەرقانداق ئىشنى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىش ئادىتىمۇ قىز يىگىتنىڭ مۇھەببىتىگە چۈشكەن مىتە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قىزىققانلىق بىلەن قىلغان ھەرقانداق ئىشنىڭ خەيىرلىك بولۇشى ناتايىن.
5.ئىشچان، مۇلايىم ئاياللار ياخشى ئەرنى يېتىلدۈرۈپ چىقالمايدۇ. ئاياللار كۆيۈمچان، مۇلايىم بولۇپ ئېرىنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئايال قانچە مۇلايىم، ئىشچان بولسا ئەر شۇنچە ئاجىز بولىدۇ.
6.قەدىناس ئەر خوتۇنلارنىڭ بىر بىرىنى چۈشىنىشى تېخىمۇ يېتەرسىز بولىدۇ، ھېسسىيات مۇقىم ھالەتكە ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى سۇسلىشىپ كېتىدۇ.
7.بىر تەرەپنىڭ مۇھەببىتى قانچە چوڭقۇر بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى تېز بولىدۇ.
8.ئەرلەر قانچە ئاسان كەچۈرۈم سورىسا، مۇھەببەتكە بولغان چىنلىقى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.
9. ئايرىلىش قانچە كۆپ بولسا مۇھەببىتى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ.
10.ئەرلەر خوتۇنىنىڭ يېقىن دوستىغا بەكلا قىزىقىدۇ، چۈنكى ئەرلەر داۋاملىق ئاڭلىغان، ئەمما ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان نەرسىلەرگە تولىمۇ قىزىقىدۇ.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم