ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
يولدىن ئاداشقان مۇھەببەت-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

يولدىن ئاداشقان مۇھەببەت

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1786   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 12-05-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

ماجۈننىڭ ۋاڭ يىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىغا خېلى ئايلار بولغانىدى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم تەلەپ قويۇش نىيىتىگە كەلگەن بولسىمۇ، ۋاڭ يىڭنى كۆرگەندە تىلى كالۋالىشىپ ئېغىز ئاچالمايتتى. ئۇ بۇ يىل مارتتىكى بىر قېتىملىق سورۇندا ئاغىنىلىرىگە ۋاڭ يىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. -ئۇنى قوغلىشىۋاتقانلار خېلى بار، ساڭا ماقۇل دەمدۇ-يوق، بىلمىدۇق... -مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئېيت. ماجۈن ئاغىنىلىرىنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغان شۇ كۈندىن باشلاپ باشقىچە روھلۇق بولۇپ قالدى ھەمدە بىكار بولسلا ۋاڭ يىڭغا تېلېفون بېرىپ، ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ۋاڭ يىڭمۇ ئۇنى رەت قىلماي كۆرۈشۈپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن خېلى چىقىشىپ قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ۋاڭ يىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەلدى. ماجۈن شۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭغا سۆيگۈ تەلىپى قويدى. ۋاڭ يىڭ ماجۈننىڭ شۇنچە ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۆزىگە قىلغانلىرىدىن تەسىرلىنىپ، شۇ كۈنىلا قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار رومانتىك مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇشتى. كۈنلەر ئايلارنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى. ماجۈن ۋاڭ يىڭ بىلەن يۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتى. ماجۈن ۋاڭ يىڭدىن كوتكوتىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى نەچچە قېتىم سورىغان بولسىمۇ، ئۇ دەپ بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ماجۈننىڭ كۈنلەمچىلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ۋاڭ يىڭدىن ئورنسىز گۇمانلىنىدىغان، جېدەللىشىدىغان بولۇپ قالدى. ۋاڭ يىڭ بۇنداق ئۆتۈشكە چىدىماي، كوتكوتىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى. ماجۈن مەخپىي نومۇرنى بىلىۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق تورغا چىقىپ، ئۇنىڭ كوتكوتىدا قايسى ئوغۇل بالىنىڭ ئۇنىڭغا خەت يازغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان بولدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋاڭ يىڭنىڭ كوتكوتىغا بىر ئوغۇل ساۋاقدىشى خەت يازدى، ئۇنىڭ ئىسمى ياڭ خۇي ئىدى. ئىككى تەرەپ خېلى ئۇزاق مۇڭداشقاندىن كېيىن، ماجۈننىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ياڭ خۇيغا دەرھاللا ئۇچۇر قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ۋاڭ يىڭنىڭ يىگىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىلەشمەسلىكىنى ئېيتتى. قارشى تەرەپمۇ بوش كەلمەي، يەنە ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ كوتكوتتىلا ئۇرۇشۇپ كەتتى. ماجۈن: -كۆرۈشەيلى، نوچى بولساڭ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى مەلۇم توخۇ قورۇمىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەل،-دېدى. ياڭ خۇي: -كۆرۈشۈشتىن كىم قورقۇپتۇ، سەندىن ھەرگىز قورقمايمەن،-دېدى. ئىككىيلەن كوتكوتتا خېلى تىللاشقاندىن كېيىن كۆرۈشىدىغانغا كېلىشتى. ماجۈن تورخانىدىن ئاچچىقلانغىنىچە چىقىپ، ئاغىنىلىرىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ ئاغىنىلىرىگە ياڭ خۇي بىلەن بولغان ئىشلارنى ئېيتتى ھەمدە ئۇنى ئەدەپلەپ قويۇشقا ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشنى ئۆتۈندى. ئاغىنىلىرى بىردەك: -چاتاق يوق ئاغىنە. ئۇنىڭ ۋاڭ يىڭغا كۆز تاشلىغىنىغا تويغۇزۇپ قويايلى. بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بىلىپ قالسۇن،-دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ماجۈننىڭ ئۈچ ئاغىنىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يولغا چىقتى. ياڭ خۇيمۇ كومپيۇتىرىنى ئۆچۈرۈپ، كۆرۈشۈشكە تەييارلىق قىلدى. ئىشكتىن چىقىدىغان چاغدا، ئىنىسى نەگە بارىدىغانلىقىنى سورىدى. ياڭ خۇي ئەھۋالنى ئېيتتى. -ئاكا، مەن سەن بىلەن بىللە باراي، يالغۇز بارساڭ خەتەرلىك،-دېدى ئىنىسى. ئىككىيلەن بىرلىكتە دېيىشكەن جايغا باردى. بۇ چاغدا ما جۈن ئۈچ ئاغىنىسى بىلەن ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغانىدى. ياڭ خۇي ئۇلارنى كۆرۈپ تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قېچىشنى ئويلىدى. -ئەمدى گەپ قىلە، ۋاڭ يىڭغا يەنە خەت يازامسەن؟ ماجۈن گەپ قىلىپ بولغۇچە، ياڭ خۇي قېچىپ كەتتى. ئىنىسى ياڭ خۇيغا يېتىشەلمەي، ما جۈننىڭ ئاغىنىلىرىگە تۇتۇلۇپ قالدى ھەمدە ئۇلاردىن قاتتىق تاياق يىدى. ماجۈن ئۇنىڭ ياڭ خۇي ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئاغىنىلىرىگە: -بولدى قىلىڭلار، بۇ ياڭ خۇي ئەمەسكەن، قولۇڭلارنى تارتىڭلار،-دېدى، لېكىن ماجۈننىڭ ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي ئۇرۇۋەردى. بىردەمدىن كېيىن ياڭ خۇينىڭ ئىنىسى جىمىپ قالدى. باشقىلار ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئۇرۇشتىن توختىدى ۋە ئۇنى يول بويىغىلا تاشلاپ قويۇپ قايتىپ كېتىشتى. ياڭ خۇي قېچىپ خېلى بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن ئىنىسىنىڭ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، كەينىگە يېنىپ قورۇمىخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئىنىسىنىڭ شۇ ئەتراپتا يېتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ ھامان دوختۇرخانىغا ئاپاردى. دوختۇرلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى نەتىجىسدە ئۇنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، مېيىپ بولۇپ قالدى. ما جۈننىڭ ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە ياڭ خۇينىڭ ئىنىسى ياڭ گۇاڭنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى، ياڭ گۇاڭنىڭ 2-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ۋاڭ يىڭ ماجۈننىڭ يېنىغا بېرىپ: -ئايرىلىپ كېتەيلى، سىزنىڭ بۇنداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىمەن،-دېدى ۋە ئالدى-كەينىگە قارىماي چىقىپ كەتتى. ماجۈن ئەتىسى باشقىلاردىن ياڭ گۇاڭنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ قورقۇشقا باشلىدى. ئۇ بۇ قېتىم ۋاڭ يىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنلا ئەمەس، كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ قورقۇشقا باشلىدى. ئۇ بىر دەسسەپ-ئىككى دەسسەپ ۋاڭ يىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى. ۋاڭ يىڭ: -مەندىن كەچۈرۈم سورىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭنى مەلۇم قىلغىن، -دېدى. ماجۈن ۋاڭ يىڭنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقىپ، خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئاغىنىلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: -ئاغىنىلەر، ئۆزىمىزنى مەلۇم قىلغىنىمىز ياخشى ئىكەن. ساقچىلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمايلى،-دېدى. ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق شۆبىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىگە ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. بۇ دەل 5-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئىدى، بۇ تۆت جىنايەت گۇماندارى 6-نويابىر جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلدى. ھازىر بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى). مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.


ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم