«مېنىڭ زادى نەرىم ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ؟ ئۇ راسىتتىنلا ئېزىپ قاپتۇ، ئۇ چوقۇم بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ.» بىرمۇنچە زارلاشلاردىن كېيىن ئۇ چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ دېدى. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، قىز دوستىنى تارتىۋالغان ئۇ يىگىتنىڭ شارائىتى راستتىنلا ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى ياخشى، كىرىمى مۇقىم، گەپلىرى جايىدا، ئائىلە شارائىتىغا گەپ كەتمەيدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، ئۇ ئايالنىڭ كۆزى قاراڭغۇ ئىكەن دېيىشەتتى.
ھەممە ئادەم مۇھەببەتتىن مەغلۇب بولغانلارغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز بولسا بىز ئۇنىڭغا ئەمەلىيەتتە سېنىڭ بەزى مىجەزلىرىڭ ياخشى ئەمەس دېيەلمەيمىز. مۇھەببەتلىشىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ بەزىبىر يېتەرسىزلىكلىرىنى بەلكىم ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە يېقىن ھېسابلانغان قەلبىدىكى ئادەملا ئۇنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. ئۇ شۇنچىلىك مۇكەممەل، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، ئەپسۇس، بۇ دۇنيا گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئەمەس، شارائىتى ياخشى بولسىلا ئۇتۇپ چىققىلى بولىدىغان.
ھېسسىياتنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سورۇنلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شارائىتى قانچە ياخشى بولغان ئادەم، يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. لېكىن يەنە مەلۇم تەرەپلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئوخشىمايدۇ، سىز سۆيگەن ئادەم، مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاپ قاتتىق ئويلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىرىنى تاللاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى تاللاش بەلكىم ئەقىلگە تايانغان بولماسلىقى مۇمكىن. سىز ئۇنىڭ شارائىتىگە ماس كەلدىڭىز، لېكىن كۆڭلىگە ياقمىسىڭىز ئۇ يەنىلا سىزنى تاللىشى ناتايىن
ھېسسىياتتا، ئەگەر تاللاشقا ئىمكانىيەت بولسا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ياخشىسىنى ئەمەس، ئەڭ مۇۋاپىقىنى تاللاش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. كىم بىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئەڭ مۇكەممەل دەيدۇ؟ كۆڭۈل ئەقىل بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. خۇددى بىر نۇرغۇن بالىسى بار ئانىغا ئوخشاش، ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بولماسلىقى مۇمكىن. كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەڭ موھتاج بولغىنى بەلكىم ئۇ ئەڭ قۇربانلىق بېرىشنى خالايدىغىنى بولۇشى مۇمكىن. خۇددى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە باققان ھايۋانلارغا ئوخشاش، سىزنىڭ ئۈچ ئىتىڭىز ياكى بەش مۈشۈكىڭىز بار، سىز بىلەن ئەڭ يېقىن بولغىنى نەسلى ئەڭ ياخشى، ئەڭ قىممەتلىك بولۇشى ناتايىن.
ئەمەلىيەتتە، بىز بۇ ئۆمرىمىزدە بىر تىنىقىمىزلا بولىدىكەن،توختىماستىن « ئەڭ مۇۋاپىق» ئادەمنى ئىزدەيمىز. گەرچە، بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىمىز يېنىمىزدە بولسىمۇ. بەزىلەر شۇنچىلىك تەلەيلىك، چۈنكى ئۇلار بالدۇرلا ئۇلارنى تېپىۋالدى. بەزىلەر شۇنچىلىك تەلەيسىز، ئۇلار بىر ئۆمۈر تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار تەقدىرگە تەن بەردى، يېنىدىكى ئادەم ئۇلارغا ماس كەلمىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇلار بىلەن ئۆتۈشنى قارار قىلدى. شۇكرى، ئادەملەر خىيال قىلىش ئىقتىدارى بولغانلىقتىن نۇرغۇن ئاياللار كېچىدە سەۋدايىلەرچە يېشىنى سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ كورىيە فىلىملىرىنى كۆرىدۇ، ئۆزىنىڭ چۈشىدىكى شۇ يېقىملىق تەبەسسۇمنى ئىزدىشىدۇ. ئەرلەرچۇ؟ نۇرغۇن ئەرلەر سىرتتىن خوشاللىق ئىزدەيدۇ. بەزىلەر، ئۇلارنىڭ تەلەيلىك ئەمەسلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە بىرى بولۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق مۇھەببەت پاجىئەسى باشلىنىدۇ. مۇقەررەرسىزلىكنىڭ باشلىنىشى مۇھەببەتنى چۈشىنىكسىز، ئېنىقسىز، ھەسرەتلىك قىلىپ قويىدۇ.
مەن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزغان «ئۈچىنچى شەخس» لەرنى قارغاپ، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىنى قالايمىقان قىلىپ، بىر چىرايلىق ئەر-ئاياللارنى ئايرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن لەنەت ئوقۇغانلىرىنى ئاڭلىغان. لېكىن مۇھەببەت ئەخلاق ئەمەس. مۇھەببەت پەقەت بىر تۇيغۇدۇر. ئۇ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئەقلى-ھوشىنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈكمۇ ئەمەسمۇ؟
ئۇ قەلىبنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى. ئەگەر سىز سۆيگەن ئادەم قەلبىدىكى ئورنىنى بوشىتىپ باشقا ئادەمگە بەرمىگەن بولسا، ئۇ ئادەم قانداقمۇ ئۇنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كىرەلىسۇن؟ ئۇ سىزگە ھېسسياتتىن سۆزلىسە، سىز ئۇنىڭغا قائىدە چۈشەندۈرىۋاتامسىز؟ سىزنى قەلبىدىن چىقىرىپ تاشلىغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن، سىز ئۇنىڭغا نېمىلا دېمەڭ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر شاۋقۇندۇر خالاس. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئاندىن قويۇپ بەرگۈڭىز كەلمەيۋاتامدۇ؟ سىز بۇ قېتىم ھەر خىل قائىدە-تۈزۈملەر بىلەن ئۇنى يەڭگەن بولسىڭىزمۇ، ئەمەلىيەتتە، سىز يەنىلا ئۇتتۇردىڭىز.
مۇھەببەتتە قائىدە سۆزلەنمەيدۇ. بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بىز شۇنداق بىر ئادەمگە تەشنامىز، بىر ئۆمرىمىز بىلەن سۆيىدىغان. لېكىن بىز بۇ ئادەمنى ئۇچرىتالمىدۇق. بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئادەم، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئىللىتالايدىغان ئادەمدۇر. بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىزنى ئۇرغۇتالايدىغان، بۇ ئۆمرىمىزدە ئۇ بولمىسا بىر ئۆمۈر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئۆتىدىغان ئادەمدۇر. بىزگە مەيلى بۇ ھايات قانداقلا ئۆتكەن بولسۇن، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرەلەيدىغان ئادەمدۇر.
ئۇ سىزنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن بەخىتلىكتۇر. ئەگەر سىز بىرىنى سۆيسىڭىز، چوقۇم ئۇ سىزنى سۆيىدىغان ۋاقىتتا ئۇنى قەدىرلەڭ. شارائىتى ياخشى ئادەمنىڭ سۆيۈشىڭىزگە ئەرزىشى ناتايىن، باشتا كېلىپ ئورۇن ئىگەللىگەن ئادەمنىڭمۇ ئەڭ مۇۋاپىق بولۇشى ناتايىن. ئۇنداقتا، ئەڭ ياخشى مۇھەببەت قانداق بولىدۇ؟ مەنچە، بۇ تەس ئەمەس. ئىشىنىش، ئۈمىد ۋە مۇھەببەت. -ئۇنى ئىشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش. -ئۇنى سىزگە ۋە كەلگۈسىڭلارغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان قىلىش. -ئۇنى سىزنى سۆيىدىغىنىغا ئىشەندۈرۈش، تەنھالىق ۋە زېرىكىشلىكنى ئۇنتۇش. ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. ئۇ سىزنىڭ مېھرىڭىزگە موھتاج، مۇھەببىتىڭىزنى ھېس قىلىشىڭىزگە، سىزگە قايىل بولۇشقا مۇھتاج. سىزنىڭ قۇچىقىڭىزغا، ئەركىنلىككە مۇھتاج. ئۇ سىز مۇكەممەل بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەلبى سىزنى توختىماي چاقىرىۋاتقىنى ئۈچۈن سىزگە موھتاج.