ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلشىر نەۋائىي

بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلشىر نەۋائىي

ۋاقتى: 2016-06-12 ئاۋاتلىقى: 475 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلشىر نەۋائىي

بۈيۈك شائىر مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 – يىلى 2-ئاينىڭ9-كۈنى ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خۇراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى .
ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500مىڭ مىسرا ئەتراپىدا بولۇپ شەرق ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ھىچكىم تېخى بۇنچىلىك جىق ۋە ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ باققان ئەمەس. ناۋائى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ نەسەبنامىسىدە ئېنىق قىلىپ«ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى» دىيىلگەن. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر ناۋائىنى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقام ناخشىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن.

ئەلىشىر ناۋائىي باشلانغۇچ بىلىمىنى ھېراتتا ئالغان. ئۇنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتى مەكتەپ يېشىدىكى يىللاردىلا نامايان بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئەلىشىر 10- 12 ياشلىرىدا يازغان شېئىرلارنى ئۇستازى لۇتفخغا كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئستىداتىدىن مەمنۇن بولغان مەۋلانا لۇتفى ئەلىشىرنىڭ :

ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەرلەھزە ياش،
بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش.

دېگەن مەتلەئى بىلەن باشلىنىدىغان غەزىلىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن : « ئەگەر مۇيەسسەر بولسا ئىدى، ئۆزۈمنىڭ 10- 12 مىڭ بېيتىمنى شۇ غەزەلگە تىگىشەر بولا ئىدىم … » دېگەن ئىكەن. پادىشاھ شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج – تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك ئەلىشىرگە ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ تەفت شەھىرىدە 15 – ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . ئالىم ئەلىشىرنىڭ يۇقىرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى. شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى.



ئەلىشىر 12 – 13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالىغان ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولىغان . 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلشىر ھۈسەيىن بايقارا (سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان ، 1469 – يىلى ھېراتتا تەختتە ئولتۇرغان، 1505 – يىلى ۋاپات بولغان، مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان) بىلەن بىللە ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1456 – يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارغان. 1457 – يىلى بابۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كەتكەن . ناۋايى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچرىشىغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان . بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، پەلسەپە، مەنتىقە، ماتېماتىكا پەنلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بولۇپمۇ ئىسلام پەلسەپىسىنى ، ئەرەب ۋە شەرق مۇسۇلمان ئەدەبىياتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان . جۈملىدىن ئۇبۇلقاسىم فېردەۋسى ، نىزامى گەنجىۋى ، خۇسراۋ دېھلەۋى ، ئاتائى ، لۇتفى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان. شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە قىزغىن كىرىشىپ ، پارىس ۋە تۈركىي تىللاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . شۇڭلاشقا ئۇ «زۇللىنەين» (ئىككى تىل ئىگىسى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلدا يازغان شېئىرلىرىغا «ناۋايى» ( كۈي، ئاھاڭ دېگەن مەنىدە )، پارىس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا بولسا «فانى ( ۋاقىتلىق، يوقالغۇچى دېگەن مەنىدە) دەپ تەخەللۇس قويغان .
ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان.


Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى